مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى ئالتە خىل ئۇسۇل

2020.03.11 17:13 مەنبە: خەلق تورى

  تەھرىر ئىلاۋىسى:

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، نۇرغۇن كىشى ئۆيىدە تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئالدى. ئۇزاق ۋاقىت ئۆيدە تۇرۇپ سىرتقا چىقمىغاندا، بەزى كىشىلەرنىڭ دەم ئېلىشى قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئۆيدىمۇ مۇۋاپىق دەم ئېلىش، كەيپىياتنى تەڭشەش، يېمەك- ئىچمەك، ئۇيقۇنى تەڭشەش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن يۇقۇمغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، «كېسەل بولماي تۇرۇپ ئالدىنى ئېلىش» مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

  بىرىنچى، مۇۋاپىق ئۇخلاش لازىم

  پايتەخت تېببىي داشۆسى شۈەنۋۇ دوختۇرخانىسى نېرۋا ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جەن شۇچىن ياخشى ئۇيقۇنىڭ سالامەتلىكىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمىزنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇيقۇغا كىرىشتىن بۇرۇن بەدەننى بوشىتىدىغان بەزى تەييارلىقلارنى قىلىشقا بولىدۇ. نەپەسلىنىپ بوشىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئاستا نەپەس ئېلىش ۋە نەپەس چىقىرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق بەدەننى بوشىتىشقا بولىدۇ، بۇنى 20 قېتىم ئىشلەپ، قول-پۇت مۇسكۇللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ بوشىتىشقا بولىدۇ. ئۇخلاشتىن تۆت سائەت بۇرۇن قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك، ئۇخلاش تەبىئىي يۈز بېرىدىغان فىزىئولوگىيەلىك جەريان، شۇڭا پىسخىكىلىق ھەرىكەتنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ.

  گۇاڭجۇ شەھەرلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى ئالدىن داۋالاش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چېن چۈنشيۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: قانۇنىيەتلىك يېتىپ قوپۇش، دەم ئېلىش كېرەك. تۈنىمەسلىك، ئەتىگىنى قوپماي كارىۋاتتا يېتىۋالماسلىق، ئەڭ كېچىككەندىمۇ سائەت 23 تىن بۇرۇن ئۇيقۇغا كىرىش لازىم. يانفوندىن ئايرىلالمايدىغان ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

  ئىككىنچى، يېمەك-ئىچمەك تەرتىپلىك بولۇش لازىم

  ئوخشىمىغان بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن يېمەك-ئىچمەككە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. كېسەللىك ئىللەتلىرى ھۆل ئىسسىققا مايىل كېسەللىك بولۇپ، يېمەك-ئىچمەكتە مايسىزراق بولۇش تەكىتلىنىدۇ، پىچەكگۈل، ئېرەن دەرىخى، تەكىيە كاۋا، ئاق كاۋا قاتارلىق تالنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ھۆللۈكنى يوقىتىدىغان مەھسۇلاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، سېمىزلەرنىڭ كۆپىنچىسى بەلغەم نەملىكى ياكى مۇسبەتلىكى ئاجىزلاش تەن ساپاسى بولۇپ، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تېخىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، ئەگەر گۆش ئىستېمال قىلىش ئازايتىلمىسا، تال ۋە ئاشقازىنى زىيانغا ئۇچراپ، بەلغەم نەملىكى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.

  ياشانغانلار ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر توپى ۋە يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئاسانلا ئېغىر كېسەلگە ئايلىنىپ قالىدىغان كىشىلەر توپى ھېسابلىنىدۇ. ئوزۇقلۇقنى كۆپەيتىپ، ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش — بۇ تۈردىكى كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىپ، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسى. شۇڭا ئالدى بىلەن ئوزۇقلىنىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ۋىتامىن تولۇقلاش، ھەر كۈنى كۆكتات، مېۋە-چېۋە ئىستېمال قىلىش كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېتەرلىك ئاقسىل سۈمۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، سۈت ئىچىشكە بولىدۇ، پۈتۈن دانلىق زىرائەت، ياڭيۇ، موگۇ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ؛ يەنە ئاز مىقداردا كۆپ قېتىم سۇ ئىچىش، مۇۋاپىق شورپا ئىچىپ بېرىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش كېرەك

  ئۆيدە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئۇزاق ئولتۇرماسلىق ياكى ئۇزاق ياتماسلىق لازىم، قانۇنىيەتلىك بەدەن ھەرىكىتى ۋە تەيجى گۇمپىسى مەشىق قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. يېقىنقى مەزگىلدە ھاۋا بىردە سوغۇق، بىردە ئىسسىق بولۇپ كەلمەكتە، شۇڭا بەدەن-ئۇستىخانلارنى كۆپرەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ، دوۋساق تومۇرلىرىنى قېقىش ئارقلىق، مۇسبەتلىكنىڭ ئۆرلىشىگە ياردەم بېرىپ، كېسەللىك ئىللەتلىرىنى ھەيدىگىلى بولىدۇ.

  تۆتىنچى، ئۈمىدۋار روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك.

  ئۆيدە يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە، كۆپچىلىك ھەر كۈنى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدە تۇرۇش ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، غەم- ئەندىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئاكتىپ يۈزلىنىپ، روھىي ھالەتنى تەڭشەش كېرەك. ئارام ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش بىلەن بىرگە تۇرمۇش پىلانىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. ئائىلىدىكىلەرنى بىرلىكتە ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىللە تاماق ئېتىشنى ئۆگەنسە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىگە نىشان بەلگىلەپ بېرىپ، بەدەن قۇۋۋىتىنى راۋانلاشتۇرسا، ئۆزىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  بەشىنچى، مۇزىكا بىلەن بەدەن ساغلاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ

  مۇزىكا ھاياتلىقنىڭ ئۇچقۇنلىرى بولۇپ، روھنى ساپلاشتۇرۇپ، ئەقىل- پاراسىتىنى ئۇرغۇتۇپ، بەدەننى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئالدۇرغىلى بولىدۇ. بىكار ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ تىنچ ئۆيدە ئولتۇرۇپ، بىر ئىستاكان چاي دەملەپ، روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىكنى تۈگىتىپ، مۇزىكا قويۇپ، يېقىملىق مۇزىكىلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتى، ئىچكى ئەزالىرى، مۇئەننەس، مۇزەككەر، قۇۋۋەت، قان قاتارلىق ئىچكى مۇھىتىنى ياخشىلاپ، جىسمانىي ۋە روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، ساغلاملىقنى ساقلاشقا بولىدۇ.

  ئالتىنچى، ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئارقىلىق بەدەننى ساغلاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ

  ھۆسنخەت يېزىش، رەسىم سىزىشتا پۈتۈن دىققىتى بىلەن روھىي ھالىتىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئادەمنىڭ مىجەزىنى تاۋلاپ، ئەقىل-پاراسىتىنى جانلاندۇرۇپ، كەيپىياتنى خۇشال قىلغىلى بولىدۇ. بولۇپمۇ ھۆسنخەت يېزىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئويغا چۆكۈپ، تەننى جانلاندۇرۇپ، قول، بېغىش، بىلەك، ھەتتا پۈتۈن بەدەننى جانلىق ئىشلىتىدىغان بولۇپ، قاننى راۋانلاشتۇرۇپ، بەدەندىكى ھەر خىل ئىقتىدارنى تەڭشەپ، قان ئايلىنىشنى ۋە مېتابولىزمنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ