مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2020.03.11 17:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، ئوت ئۆچۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. تەستىقىي يوليورۇقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئوتنى ئۆچۈرۈش — خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ئورمان، ئوتلاقنىڭ ئەتىيازلىق ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش مەزگىلىگە كىرىدۇ. جايلار، ئالاقىدار تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن ئورمان، ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

  ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن ئۆچۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوت ئۆچۈرۈش، بىخەتەرلىكنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، «بالدۇر زەربە بېرىش، كىچىكىگە زەربە بېرىش، زەربە بېرىپ تۈگىتىش» پىرىنسىپى بويىچە ھەر دەرىجىلىك، ھەر قايسى ھالقىلاردىكى مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، «ئالدىنى ئېلىش» ۋە «ئۆچۈرۈش»تىكى مەسئۇلىيەت زەنجىرىنى ياخشى جىپسىلاشتۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاقلاردىكى ئالاھىدە زور ئوت ئاپىتىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نۇقتىلىق رايونلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئوت مەنبەسىنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۈگىتىپ، ئوت كۆيۈشتىن، ئاپەت يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش كېرەك. قوماندانلىق سىستېمىسى ۋە ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۈچ قۇرۇلۇشى ۋە ئەمەلىي جەڭ مانېۋىرىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ