مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىغا سەۋەبسىز زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى كەمسىتىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

2020.03.13 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرى ۋە مۇخبىرلىرىغا قارىتا بىر قاتار كەمسىتىش تەدبىرلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرى ۋە مۇخبىرلىرىغا زەربە بېرىپ كەلدى. بۇ ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «ئاخبارات ئەركىنلىكى»نىڭ ئەسلىدە بىر ئاشكارا ھالدىكى «قوش ئۆلچەم» ئىكەنلىكى ۋە زومىگەرلىك قىلمىشى ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاشكارىلىدى.

  ئۇلار جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا زەربە بېرىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى

  2018- يىلى 12- ئايدا، ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى "جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە قانىلى ئىستانسىسى (CGTN) "نىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى شۆبە ئىستانسىسىنى «چەت ئەل ۋاكالەتچىلىرى» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.

  2020- يىلى 2- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى جۇڭگونىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق بەش تاراتقۇسىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنى «چەت ئەل ئەلچىلەر ئۆمىكى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملارغا ۋە ئۇلار ئىگە بولغان كۆچمەس مۈلۈككە ئائىت ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  2020- يىلى 3- ئاينىڭ 2- كۈنى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى بايانات ئېلان قىلىپ، 3- ئاينىڭ 13- كۈنىدىن باشلاپ، «چەت ئەل ئەلچىلەر ئۆمىكى» قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ باشقۇرۇلىدىغان بەش تاراتقۇسىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق جۇڭگولۇق ئىشچى-خىزمەتچىلىرىدىن 60نى قىسقارتىدىغانلىقىنى، ئازايتىش نىسبىتىنىڭ %40كە يېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دېمەك، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئامېرىكىدىن قوغلىدى.

  جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرىش ۋىزىسىغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت قوللاندى

  ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ چېگرادىن پەقەت بىر قېتىملا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىدىغان بولىۋالدى، يەنى جۇڭگو مۇخبىرلىرى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئامېرىكىغا يەنە قايتا بارماقچى بولسا ياكى ئۇ يەردىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە بارغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قايتماقچى بولسا، قايتىدىن ۋىزا ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، دەپ شەرت قويدى، ئەمما ئامېرىكا تەرەپ باشقا دۆلەتلەر ۋە رايوندىكى مۇخبىرلىرىغا چېگرادىن كۆپ قېتىم كىرىش ۋىزىسى بېرىۋاتىدۇ.

  2018- يىلىدىن باشلاپ، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى تەڭقىسلىقتا قويۇشقا باشلىدى، يەنى جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ تاپشۇرۇشىغا تېگىشلىك ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى خالىغانچە كۆپەيتتى، نورمال ئىلتىماس ماتېرىياللىرىدىن باشقا، يەنە جۇڭگو مۇخبىرلىرىدىن تاراتقۇلارنىڭ ھېسابات نومۇرى، ئۆتكەن 15 يىللىق چېگرادىن چىقىش خاتىرىسى، ئورۇنلارنىڭ ئامېرىكىدا رويخەتكە ئالدۇرغان ئۇچۇرلىرى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىسى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئارتۇقچە ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئامېرىكا يەنە مەمۇرىي تەكشۈرۈشنى باھانە قىلىپ، ۋىزا تەستىقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، مۇددەتسىز كەينىگە سۈرۇپ، ھەتتا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلدى، ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018- يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو تاراتقۇلىرىدىن 30دىن ئارتۇق جۇڭگو تەرەپ مۇخبىرى ئامېرىكا تەرەپنىڭ مۇددەتسىز كەينىگە سۈرۈشى، ھەتتا ئىمزا قويۇشنى رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 9 دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىر ئامېرىكىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن چېگرادىن قايتا كىرەلمىگەن. بىر قىسىم جۇڭگو ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇلتۇر 12- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئامېرىكىغا بېرىش ۋىزىسى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ ھېچقانداق ئىنكاسىغا ئېرىشەلمىدى، پاسپورتمۇ قايتۇرۇپ بېرىلمىدى .

  تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەت قىلىشىنى چەكلىدى.

  ئامېرىكا تەرەپ ئالاقىدار تاراتقۇلارغا قاراشلىق ئاپپاراتلارنى «چەت ئەل ۋاكالەتچىلىرى» دېگەننى باھانە قىلىپ چەكلەپ، جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە قانىلى ئىستانسىسى (CGTN) ۋە جۇڭگو گېزىتى (ئۇ، 1983- يىلى «چەت ئەل ۋاكالەتچىسى» دەپ تىزىملانغان) قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتى مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىشىنى رەت قىلدى. ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىگە قاراشلىق ئاپپاراتلارنى «چەت ئەل ۋاكالەتچىلىرى» دېگەننى باھانە قىلىپ، بىر قىسىم جۇڭگو تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن ئاق سارايغا ياللاپ ئىشلىتىش ئىسپاتىنى قەرەللىك ھالدا تاپشۇرۇپ تۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى، بىر قىسىم جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتى مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىشى رەت قىلىندى. جۇڭگو تاراتقۇ مۇخبىرلىرى زىيارەت قىلىشقا قاتناشقاندا دائىم «باشقىچە قاراش»قا ئۇچراپ تۇردى، ھەتتا سوراق قىلىپ تەكشۈرۈلدى.

  ئامېرىكا تەرەپ يەنە بىر قىسىم جۇڭگو مۇخبىرلىرىنى كىچىك دائىرىدىكى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلىنغان پوچتا يوللانمىلىرىنى ئەۋەتىش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەن ياكى «ئادەم سانى توشۇپ كەتتى» دېگەننى باھانە قىلىپ، جۇڭگو مۇخبىرلىرىنى كىچىك دائىرىدىكى خەۋەر بېرىش پائالىيىتىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋەتكەن. ئالاقىدار جۇڭگو تاراتقۇلىرى «چەت ئەل ۋاكالەتچىلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا زىيارەت قىلىشى بارغانسېرى قىيىنلاشتى، نۇرغۇن كىشىلەر جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىدى.

  ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقىدەك ھەرىكەتلىرى جۇڭگو ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى نورمال بولغان قانۇنلۇق ئاخبارات پائالىيىتى ۋە خەۋەر قىلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى، جۇڭگو تاراتقۇلىرى ۋە ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى بۇنىڭغا قارىتا ئۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيەسى ئاساسىدىكى سىياسىي بېسىمنى دەرھال توختىتىپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە يولسىزلىق بىلەن دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك خاتا ئۇسۇلىنى ھەقىقىي تۈزىتىپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇلىرىنىڭ نورمال پائالىيەتلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشى ۋە جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ نورمال خىزمىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ