مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2020.03.12 15:56 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى سودىنى ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى بېكىتىلدى؛ كەسىپ زەنجىرى ۋە مەبلەغ زەنجىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ ماسلىشىپ تۇرۇپ ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ مەخسۇس تەكرار قەرز پۇل سىياسىتى ۋە تەكرار دىسكونت سىياسىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەلەپ قىلىندى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3- ئاينىڭ 10- كۈنى گوۋۇيۈەنىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى سودىنى ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى بېكىتىلدى؛ كەسىپ زەنجىرى ۋە مەبلەغ زەنجىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ ماسلىشىپ تۇرۇپ ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ مەخسۇس تەكرار قەرز پۇل سىياسىتى ۋە تەكرار دىسكونت سىياسىتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈشتە، ھەمدە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، تاشقى سودىنى ۋە تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىرىنچى، «سەرپىياتى يۇقىرى ۋە بۇلغىشى ئېغىر بولغان، تەبىئىي بايلىقنى مەنبە قىلغان» كارخانىلاردىن سىرت باشقا بارلىق باج قايتۇرۇش نورمىسىغا يەتمىگەن ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا ۋاقتىدا تولۇق باج قايتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى تاشقى سودا كىرېدىت سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە يېتەكلەش، قەرز پۇلنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، سودا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ قىسقا مۇددەتلىك ئېكسپورت ئىناۋەت سۇغۇرتىسىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىش ھەم ھەق نىسبىتى تۆۋەنلىتىش كېرەك. تۆتىنچى، ئەتىيازلىق گۇاڭجوۋ يەرمەنكىسىگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. بەشىنچى، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى سەلبىي تىزىملىكىنى قىسقارتىشنى چىڭ تۇتۇش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىلىدىغان كەسىپلەر كاتالوگىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئالتىنچى، يېقىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن ئىچكى ـ تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئوخشاش بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ