شى جىنپىڭ خۇبېيدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان تېببىي خادىملار، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار، پىدائىيلار ۋە ئاممىنى يوقلىدى ھەمدە ئۇلاردىن ھال سورىدى

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە ئىشلەپ، خۇبېينى قوغداش جېڭى ۋە ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك

2020.03.11 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، 3- ئاينىڭ 10- كۈنى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىگە مەخسۇس بېرىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خۇبېي ۋە ۋۇخەن بولسا، بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ھالقىلىق جاي. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، خۇبېي بىلەن ۋۇخەننىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ياخشى ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى، باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىراق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىردۇر. مۇشۇنداق ۋاقىتتا، بىز مېڭىمىزنى ناھايىتى سەگەك تۇتۇشىمىزغا، باشتىن-ئاخىر ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشىمىزغا، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ياخشى ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى نۆۋەتتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش ۋە ئەڭ مۇھىم خىزمەت سۈپىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇتۇشىمىزغا، بىخۇدلۇق قىلماي، بىزار بولماي، بوشىشىپ كەتمەي، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە ئىشلىشىمىزگە، خۇبېينى قوغداش جېڭى ۋە ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى كەسكىن كۈرەشتە، خۇبېيدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلدى، پۈتۈن ئۆلكىدىكى تېببىي خادىملار ۋە خۇبېيغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن داۋالاش ئەترەتلىرىدىكى ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەر زەربىدارلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چۈشتى، خەلق ئارمىيەسىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى بۇيرۇقنى ئاڭلاپ دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن ئۈستىگە ئالدى، كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى، جامائەت خەۋپسىزلىكى كادىر-ساقچىلىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلار ۋە پىدائىيلار بوران-چاپقۇندىن قورقماي، بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇردى، كەڭ ئامما ئىرادىدىن سېپىل ياساپ، بەس-بەستە جەڭگە قاتناشتى، تىللاردا داستان بولغۇدەك بىر تۈركۈم ئىلغار تىپلار ۋە تەسىرلىك ئىش-ئىزلار بارلىققا كەلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى كەسكىن كۈرەشتە، ۋۇخەن خەلقى ئومۇمىيەتنى تونۇپ ۋە ئومۇمىيەتكە بېقىپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئومۇملۇقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ۋە پۈتۈن دۇنياغا ۋۇخەن خەلقىنىڭ ئېگىلمەس-سۇنماس ۋە ئالىيجاناب پەزىلىتىنى نامايەن قىلدى. ۋۇخەن خەلقىنىڭ قۇربان بېرىشى ۋە ئۆزىنى تەقدىم قىلىشى، ۋۇخەن خەلقىنىڭ چىڭ تۇرۇشى ۋە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئىجابىي ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ۋۇخەن خەلقى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، جۇڭگو كۈچى ۋە جۇڭگو روھىنى نامايەن قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان دۆلەت ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. ۋۇخەن شەھىرى قەھرىمان شەھەر بولۇشقا، ۋۇخەن خەلقى قەھرىمان خەلق بولۇشقا مۇناسىپتۇر. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە غەلىبە قىلىش ئارقىلىق، ئۇلار يەنە بىر قېتىم تارىخ سەھىپىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ! پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى سىلەردىن تەسىرلىنىپ، سىلەرگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ! پارتىيە ۋە خەلق ۋۇخەن خەلقىگە رەھمەت ئېيتىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ