مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.03.13 17:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، باش كاتىپ ئەپەندى ماڭا خەت يېزىپ ھال سورىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ قوللانغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى ھەمدە كۆپ قېتىم ئاشكارا سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللىدى، بىز جۇڭگولۇقلاردا «ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدۇ» دەيدىغان گەپ بار، مەن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگودا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى. كېيىنكى قەدەمدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى باشتىن-ئاخىر كۈچەيتىپ، داۋاملىق تۈردە چىڭ تۇتۇش، ھەمدە ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە ئىشلەش بىلەن بىرگە، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرىمىز. جۇڭگو خەلقى بۇ قېتىمقى يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيدۇ، شۇنداقلا ئالدىن بەلگىلەنگەن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، بۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىل.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ