مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىلەر ھاياتلىقنى قوغدايسىلەر، مەن سىلەرنى قوغدايمەن

«قۇربان تاغا» ۋۇخەندىكى دوختۇرخانىلارغا شىنجاڭنىڭ گۈرۈچىنى ئىئانە قىلدى

2020.03.12 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  رۇقىيە مەتسەيدى: «ۋۇخەندىكى تېببىي خادىملارنىڭ مەززىلىك شىنجاڭ گۈرۈچىنى يېيىشىنى ئويلىساملا، چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولىمەن»، دېدى. 3- ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 17 دە، بەش توننا شىنجاڭ گۈرۈچى قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارالدىن يولغا چىقىپ، تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتىكى ۋۇخەنگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.

  رۇقىيە مەتسەيدى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى. ئۇ: «بىز ھەر كۈنى تېلېۋىزوردا ۋۇخەندىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتىمىز ھەمدە بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش ئەترىتىگە شىنجاڭنىڭ گۈرۈچىنى ئىئانە قىلىش ئويىمىز پەيدا بولدى، ئۇلارغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ۋە تىلىكىمىزنى يەتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز»، دېدى.

  ئۇ: «مەن خەلق گېزىتى ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا، شۇنداقلا ‹خەلقنىڭ دوختۇرخانىنى سۆيۈش ھەرىكىتى› سۇپىسىنىڭ ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىمەن، دەل سىلەرنىڭ ياردىمىڭلار ‹مېھىر ـ شەپقەت كۆۋرۈكى› سېلىپ، بىزنىڭ ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇردى»، دېدى. رۇقىيە مەتسەيدىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى چىرايىدىن چىقىپ تۇراتتى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: فوند جەمئىيىتى گۈرۈچ توشۇش ئۈچۈن غەم قىلىۋاتقاندا، خەلق تورى ئېلان قىلغان «خەلقنىڭ دوختۇرخانىنى سۆيۈش ھەرىكىتى»نى كۆرۈپ، سىناپ بېقىش خىيالىدا خەلق گېزىتخانىسىنىڭ رەھبەرلىرىگە بىر پارچە خەت يازدىم. «ناھايىتى تېزلا‹خەلقنىڭ دوختۇرخانىنى سۆيۈش ھەرىكىتى›نىڭ خىزمەتچىلىرىدىن كەلگەن تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالدىم، تىرانسپورت مەسىلىسى ھەل بولدى».

  «خەلقنىڭ دوختۇرخانىنى سۆيۈش ھەرىكىتى» ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق، جىڭدۇڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەقسىز توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى، ماددىي ئەشيا ئىئانىسىنى قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى ۋۇخەن شەھەرلىك 7-دوختۇرخانىنىڭ تېببىي خىزمەتچىلىرى بولدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىم ئىئانە قىلىنغان گۈرۈچنى قۇربان يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەمىنلىگەن. نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ ئەۋلادلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىدە، قۇربان يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىدا قوي مېيى گۈرۈچى تېرىدى.

  ماشىنا قوزغىلىش نەقمەيدانىدا، قۇربان يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق كەسپىي كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى جاڭ ئەيبو: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، بىر ئائىلە كىشىلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش كېرەك. ھازىر بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇق، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئۆز كۆڭلىمىزنى ئىپادىلىمەكچى بولدۇق»، دېدى.

  توشۇشنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەسئۇل جىڭدۇڭ تېز يەتكۈزۈش شىركىتىنىڭ ئارال شەھىرىدىكى مەسئۇلى شيا جيەنبىن: «بىز بۇ قېتىمقى ۋەزىپىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئورۇنداپ، قۇربان فوندى جەمئىيىتىنىڭ بۇ مېھىر-شەپقەت گۈرۈچىنى ۋۇخەنگە توشۇشىغا ياردەم بېرىمىز!»، دېدى. يول پىلانى بويىچە، بۇ ئىئانە قىلىنغان شىنجاڭ گۈرۈچى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋۇخەنگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ