شى جىنپىڭ پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارۋى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2020.03.18 16:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 17- كۈنى خەلق سارىيىدا پاكىستان زۇڭتۇڭى ئارۋى بىلەن سۆھبەتلەشتى.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نۆۋەتتە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاخىرىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرمەكتە. يۇقۇم تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، زۇڭتۇڭ ئەپەندى دەرھال ماڭا خەت ئەۋەتىپ ھال سورىدى، بۇ قېتىم يەنە مەخسۇس جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگونى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن جۇڭگوغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان ھەقىقىي دوستلار ۋە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردۇر. جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ئالاھىدە دوستلۇقى تارىخنىڭ تاللىشى بولۇپ، ئۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ