خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 16- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە يۇقۇمنىڭ ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئىلمىي يوسۇندا ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ كىرىشى ۋە چىقىشىنىڭ ئالدىنى دەل جايىدا ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈش، نورمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋە تارقىلىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىندى. ۋۇخەن بىلەن خۇبېيدىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە داۋالاش بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك. باشقا رايونلاردا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تارقىتىش ياكى توپلىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. نۆۋەتتە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمارلار يۇقۇمنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كەلدى، يۇقۇمنىڭ چىقىش ۋە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دەل جايىدا كۈچەيتىش كېرەك. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ سەھىيە، تاموژنا، كۆچمەنلەر، مائارىپ قاتارلىق ساھەلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە ھەرىكەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتتە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قوللانمىسىنى ئورتاق ئىجرا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەخس، يەرلىك، قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ، ئائىلە قاتارلىقلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چېگرادىن چىقىپ ساياھەت قىلىشىغا ئالاقىدار ئەسكەرتىشلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. داۋالاش لايىھەسى ۋە دورا قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ