مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ئامېرىكىچە ئىنسانىي ھوقۇق قارىشىدا «سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك» بولمىدى

2020.03.16 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگو گوۋۇيۈەنى ئاخبارات ئىشخانىسى «2019- يىللىق ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇمات، خەۋەر ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، ئامېرىكىنىڭ 2019-يىللىق ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك، توغرا، ئوبيېكتىپ، ئادىل بايان قىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىپ، ئىنسانىي ھوقۇق ئارقىلىق زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداشتەك ساختا قىياپىتى كۆرسىتىلدى.

  پۈتكۈل دوكلاتتا تەپسىلىي، ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلار رەتلەنگەن، بولۇپمۇ ئاز سانلىق قەۋملەر، ئاياللار، ئاجىزلار، كۆچمەنلەر، قورال-ياراغ، زوراۋانلىق قاتارلىق مەسىلىلەر دەل جايىدا تەھلىل قىلىنغان. ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمىدىكى «ئىككى ياقلىمىلىقى» ئۇنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىدىيەسى بىلەن ئەمەلىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئايرىلىپ قېلىشىدىكى تۈگۈنگە ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قەبىھ ئىشلار ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ۋەقەلەردىن تەدرىجىي كېڭىيىپ، خەلقئارا مەسىلىگە ئايلىنىش يۈزلىنىشىنى نامايان قىلدى. ئامېرىكىچە ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ «دېيىلىشى بىر خىل، قىلىشى بىر خىل» بولۇشتىن ئىبارەت ئەخلاق سىستېمىسى كۈندىن-كۈنگە ئۇنىڭ «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى ئىگىلىۋېلىش» ماھىيىتىنىڭ نىقابى بولۇپ قالدى.

  ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى گەرچە قانۇن ماددىلىرى ۋە ئاممىۋى سىياسەت قاتلىمىدا «پارلاق» ئىپادىلەنسىمۇ، لېكىن مىللەتلەر چەتلەشتۈرۈلگەن، جەمئىيەتنىڭ سايىسى ئاستىدا ھەقىقىي ساقلانغان «يوشۇرۇن» ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىلىرى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ.

  دوكلاتتا كۆرسىتىلگەن قورال-ياراغ زوراۋانلىقى مىساللىرىدا ئامېرىكىچە ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ «سۆز-ھەرىكىتى بىردەك بولماسلىق»نىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ: قورال-ياراغنىڭ يامراپ كېتىشى جىنايى ئىشلار دېلولىرى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىۋېىتدۇ. لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كەتكەندە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاممىنى قورال-ياراغ سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، قورال-ياراغ سودىگەرلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداۋاتىدۇ. قورال-ياراغ يامراپ كېتىشتە ئاساسلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئوقۇغۇچىلار، ياشلار ياكى ئەقلى ۋە ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى بىر قەدەر ئاجىز كىشىلەر بولىدۇ. قورال-ياراغ يامراپ كەتكەن جايلارنىڭ كۆپىنچىسى مەكتەپ، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى بولۇپ، ھەتتا ئاممىۋى سورۇنلارغا يامراپ كەتكەن. بۇنداق بولغاندا، ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كۆمۈلۈپ قالغان «قەرەللىك بومبا»نى، يەنى باي-نامراتلىق پەرقى چوڭ بولۇش ۋە ئىرقىي كەمسىتىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ مەنبەلىك جەمئىيەتتىكى ئىرقىي بۆلۈنۈش مەسىلىسىنى «پارتلىتىۋېتىدۇ». بۇ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى بارغانسېرى ئىرقلاشتۇرۇپ، سىياسىيلاشتۇرۇپ، مەنپەئەتلەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغنى كونترول قىلىش سىياسىتى ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەت كاپالىتىنى ئاساس قىلغان پىرىنسىپ بولماستىن، بەلكى «قانۇنلاشتۇرۇش» نامىغا ئورالغان مەنپەئەت مۇرەسسەسىدۇر. پۇقرالار قورال- ياراغلارنىڭ يامراپ كېتىشىدىن بارغانسېرى قورقۇپ كەتكەندە، ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەل قىلىش ئۇسۇلى دەل زەھەر ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، زوراۋانلىق ئارقىلىق زوراۋانلىققا تاقابىل تۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ قورال-ياراغلارنى سېتىۋېلىپ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھام بېرىش بولدى، ئامېرىكىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتىمۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى.

  تارىخنى سۈرۈشتۈرسەك، ئامېرىكىچە ئىنسانىي ھوقۇق ئىدىيەسىنىڭ ئەزەلدىن «ئەڭ ياخشى» ئەمەسلىكىنى كۆرەلەيمىز. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرغۇچىلىرى دەسلەپتىلا فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇنىنىڭ سۆز بېشىدا «بىز ئامېرىكا خەلقى» دېگەن ئۇقۇمدا ئاز سانلىق قەۋملەرنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقى، ئاياللارنىڭ سايلام ھوقۇقى، كۆچمەنلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق بوشلۇقىنى قالدۇرماي، ئۈزلۈكسىز ھوقۇق كۈرىشىدە ئۆزىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ «تۇغما يېتەرسىزلىكى»نى تەدرىجىي تولۇقلىغان. ئامېرىكىچە ئىنسانىي ھوقۇق ئەمەلىيىتىمۇ ئەزەلدىن «بىرىنچى» ئەمەس. ئاياللارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى مىسال قىلساق، ئامېرىكا ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كاپالىتى يادرولۇق شەرتنامىسى بولغان «ئاياللارنى ھەرقانداق شەكىلدىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئەھدىنامىسى»گە قاتناشمايلا قالماستىن، بەلكى ئاياللارنىڭ جىنسىي كەمسىتىشتىكى تەڭ ھوقۇق مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ كاپالەت كۆرسەتكۈچى دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا 70 نەچچىنچى ئورۇندا ئايلىنىپ، باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن خېلىلا ئارقىدا قالدى. ئامېرىكىچە ئىنسانىي ھوقۇق يەر شارى ئىنسانىي ھوقۇقىنىڭ «رەھبىرى» ئەمەس. 2018-يىلى 6- ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق كېڭىشىدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئاتالمىش «دۇنيا ئۆلچىمىدىن يۇقىرى» بولغان «ئامېرىكىچە ئۆلچەم» بىلەن دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى كەمسىتتى. «ئامېرىكا مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» ئاساسىغا قۇرۇلغان بۇنداق قوش ئۆلچەم ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان «بىر تەرەپلىمىلىك» يولىدا ماڭغانسېرى يىراقلاپ كېتىدۇ، خالاس.

  ئامېرىكىچە ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ تەكەببۇرلۇق بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى مۇقەررەر ھالدا ئۈچ خىل خاتالىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ: بىرىنچى، خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدىكى خەلقئارا ئورتاق تونۇش ۋە يېڭىلىنىشنى كۆرەلمەيدۇ؛ ئىككىنچى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ئېغىر بۇرمىلايدۇ؛ ئۈچىنچى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا كاپالەتلىك قىلىش ئەمەلىيىتىنى خالىغانچە تەسەۋۋۇر قىلىدۇ.

  ئىنسانىي ھوقۇق مەسىلىسى ھەممە دۆلەتكە نىسبەتەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى بىر دۆلەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئەھۋالىنى سىنايدىغان سىناق تېشىدۇر. پومپىئو: «بىز يالغان ئېيتتۇق، بىز ئالدىدۇق، بىز ئوغرىلىق قىلدۇق... مانا بۇ ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىنىڭ شەرىپى»، دېگەن. بۇ نەدىمۇ شەرەپ بولسۇن، نومۇس قىلماقتا يوق، ئەكسىچە شەرەپ ھېس قىلىشنىڭ ئۆزى تىپىك بولغان خەلقنى نادانلاشتۇرۇش، دۇنيانى ئالداشتەك نومۇسسىز قىلمىشتۇر. باشقىلارنى تۈزەش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنى تۈزەش زۆرۈردۇر، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئۆلچىمى ئالدى بىلەن سۆز بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىردەكلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۆزىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان سىجىللاشقان، سىستېمىلاشقان، كەڭ كۆلەملىك ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشتەك داغلارغا ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئۇنى ياخشىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ