خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت كەچتە تەكلىپكە بىنائەن ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن ئىتالىيە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ قاتتىق سىنىقىنى باشتىن كەچۈردى. نەچچە ئاي جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدە پائال ئۆزگىرىش بولۇپ، باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تېز ئەسلىگە كەلدى. بىز باشتىن-ئاخىر ئېھتىياتچان بولۇپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى بالدۇرراق، ئومۇميۈزلۈك، ئۈزۈل-كېسىل يېڭىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلىشىنى ئىشەنچ بىلەن تەمىنلەيمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ