مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاخىرقى باسقۇچلۇق ئاشقازان راكىنى داۋالاش دورىلىرى تەستىقلاندى

ئاشقازان راكى بىمارلىرىنىڭ ياشاش ۋاقتى ئىككى يىل ئۇزاتىلىشى مومكىن

2020.03.16 16:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 14- مارت ئىگىلىشىچە، دۆلەت دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى ئودىۋور (ناۋۇلىيۇ يەككە ئانتىتېلا ئوكۇلى)نى ئەمدى ئىلگىرى ئىككى خىل ياكى ئىككى خىلدىن ئارتۇق پۈتۈن بەدەنلىك داۋالاش لايىھەسىنى قوبۇل قىلغان بىمارلارنى، يەنى ئاخىرقى باسقۇچلۇق ئاشقازان راكىغا ياكى قايتىلانما ئاشقازان راكىغا ۋە ياكى ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ تۇتاشما قىسىمى بەز راكىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنى داۋالاشقا ئىشلىتىشنى رەسمىي تەستىقلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئىچىدىكى ئاشقازان راكى بىمارلىرىنىڭ ياشاش ۋاقتىنى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۇزارتىشتا ئۈمىد تۇغۇلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

  ئېلىمىزدە ئاشقازان راكى ھازىر ئۆپكە راكىدىن قالسىلا 2- ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ راك تۈرى بولۇپ قالدى، 2018- يىلى جۇڭگودا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئاشقازان راكى بىمارلىرى 456 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قوزغىلىش سانى ۋە ئۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈش سانى دۇنيا بويىچە %50نى ئىگىلەيدۇ. ئېلىمىزدىكى %80لىك نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان ئاشقازان راكى بىمارلىرىنىڭ دېئاگنوز نەتىجىسىدن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان بولۇپ، ئۇنداقلار ئۈچۈن تاللاشقا بولىدىغان داۋالاش لايىھەسى ئاز ھەم چەكلىك. بۇ قىسىم بىمارلارنىڭ ياشاش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ياردەم بېرىش ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم نىشاندۇر.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئۆسمىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور شېن لىن بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، ئودىۋورنىڭ ئاشقازان راكىنىڭ 3- لىنىيەسى ياكى 3- لىنىيەسىدىن يۇقىرى داۋالاشقا ئىشلىتىلىشى ياخشى ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە %61.3 بىمارنىڭ ياشاش ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئارتۇق ئۇزارتىلىدىكەن. بۇمۇ ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئاشقازان راكىنى داۋالاشتىكى «يوچۇق»نى تولدۇرۇپ، دورا كەمچىل بولۇشتەك قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ