مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جاۋاب خەت يېزىپ بېيجىڭ داشۆسىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى «90- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» پارتىيە ئەزالىرىنى ئىلھاملاندۇردى

ياشلىق باھار گۈللىرى پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدا پورەكلەپ ئېچىلسۇن

2020.03.17 17:07 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭ داشۆسىنىڭ خۇبېيغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتىدىكى «90- يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ھەمدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان بارلىق ياشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈرىشىدە، سىلەر بىرىنچى سەپتە باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ياشلىقنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى نامايان قىلىپ، لاياقەتلىك جاۋاب قايتۇردۇڭلار. بارلىق ياشلار ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق، ھەم يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ئىسپاتلىدى، ھەمدە چوڭ ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى!

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ياش ئەۋلادلار غايىلىك، قابىلىيەتلىك ۋە مەسئۇلىيەتچان بولسا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، مىللەتتە ئۈمىد بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىڭلارنى، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا ئىرادە-پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشۈڭلارنى، ئەمەلىيەت داۋامىدا خىزمەت قابىلىيىتىڭلارنى ئۆستۈرۈشۈڭلارنى، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئىش ئورنىڭلاردا داۋاملىق كۈرەش قىلىشىڭلارنى، ھەمدە سىلەردەك بارلىق ياشلارنىڭ بوران-چاپقۇندىن قورقماي، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى، ياشلىق باھار گۈللىرىڭلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ