مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئايرىم غىزالىنىدىغان ۋاقىت بولدى

2020.03.17 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  پات-پات قول يۇيۇش، پات-پات شامال ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، كۆپ چېنىقىش، ياۋايى ھايۋانلارنى يېيىشنى رەت قىلىش... يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ «ئىنتايىن قاتتىق بېسىمى» ئاستىدا، كىشىلەر نۇرغۇن ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈردى. ۋاھالەنكى يۇقۇم مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە يۈز بەرگەن كۆپ قېتىملىق ئائىلە توپلاشقان ياكى سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە يۇقۇملانغان بىمارلار كىشىلەرگە شۇلارنى ھېس قىلدۇردىكى، ئادەت بولۇپ قالغان «ئوپچە غىزالىنىش» ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىغا «ياخشى پۇرسەت» يارىتىپ بەرمەكتە، «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى»نى تەشەببۇس قىلىپ ئومۇملاشتۇرىدىغان ۋاقىت بولدى.

  «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى» بىر يېڭى ئۇقۇم ئەمەس. «سارس» مەزگىلىدە، نۇرغۇن جايلار ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولۇپ، ئەينى چاغدا كەڭ دائىرىدە ئېتىراپ قىلىنغان. لېكىن «سارس»نىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى» ئاستا-ئاستا «سوغۇق مۇئامىلە»گە ئۇچرىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىرىنچىدىن، ئاشخانىنىڭ تەننەرخى يۇقىرىلاپ، تىجارەت بېسىمى ئاشتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يوق؛ ئىككىنچىدىن، ئىستېمالچىلار ئاۋارىچىلىق ھېس قىلدى، يات ھېس قىلىشتىن، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇشتەك كۆرۈنۈشتىن قورقۇپ، تەشەببۇسكار بولمىدى. لېكىن مەيلى ئىشقا ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىقتىن قەتئىينەزەر، ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇش شۇكى «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى» بىر خىل ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلى بولۇپ، زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇشقا ئەرزىيدۇ.

  «ئوپچە غىزالىنىش تۈزۈمى» نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يېمەكلىك مەنبەلىك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتى تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ ئومۇمىي يۈز بېرىش نىسبىتى ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىكەن، كېسەللىكلەرنىڭ تۈرلۈك تارقىلىش يوللىرى ئىچىدە شۆلگەي ئەڭ ئاساسلىق يوللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن. تاماق ئايرىماسلىق — كىشىلەرنىڭ بىر تەخسە قورۇمىنى نۇرغۇن چوكىلار بىلەن مالتىلاپ يۈرۈشىدىن، مەززىلىك تائاملاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە باكتېرىيە ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپ- خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كىشىلەرگە «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى»نى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى.

  «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇش، تاماقلىنىش ئۇسۇلنى يېڭىلاش ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا پايدىلىق. مەدەنىي، پاكىز بولغان تاماقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش شەخسكە مەسئۇل بولغانلىق، شۇنداقلا باشقىلارغا مەسئۇل بولغانلىق بولىدۇ. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا بىر مەيدان «تاماقلىنىش ئىنقىلابى» قوزغاشقا بولىدۇ. ئالدى بىلەن يېمەك-ئىچمەك ساھەسىدە «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، كىشىلەرنى بۇ خىل ئۇسۇلنى تەدرىجىي ئېتىراپ قىلىش ۋە ئادەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تەدرىجىي ئائىلىدىكى تاماقلىنىش ئەندىزىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي تاماقلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ.

  «ئاممىۋى چوكا ئېڭى» كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغاندا، «ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمى» بىر خىل ئادەتكە ئايلانغاندا كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىمۇ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ