مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا زەربە بېرىشى ئۆزىنى ئۆزى ھاقارەتلىگەنلىكىدۇر

2020.03.18 16:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى يېقىندا ئاتالمىش «باراۋەر بولۇش پىرىنسىپى»نى باھانە قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق بەش تاراتقۇسىدىكى جۇڭگولۇق ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ سانىنى چەكلەپ، جۇڭگو مۇخبىرلىرىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئامېرىكىدىن قوغلىدى. بۇ ھەرىكەت دۇنيا ئاخبارات تارىخىدا ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىل ھەرىكەت بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ، بىر دۆلەت ھۆكۈمىتىنىڭ باشقا دۆلەت مۇخبىرلىرىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئۇ دۆلەتتىن قوغلاشتا «رېكورت» ياراتتى ۋە ئۇزاقتىن بېرى ئۆزىنى ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ «ئۈلگىسى» ۋە «قوغدىغۇچىسى» دەپ ماختاپ يۈرگەن ئامېرىكىغا تازىلاش تەس بولغان بىر داغنى قالدۇردى.

  ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تەرەپدارلىرى بۇ نۇقتىنى پۈتۈنلەي ھېس قىلالماسمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس. شۇڭا، ئۇلار تاراتقۇلارنىڭ سۇئاللىرىغا ئىنكاس قايتۇردى ۋە ئىنكاستا ئۇلار بىر تەرەپتىن «بۇ پەقەت ئادەم سانىغا چەك قويغانلىق، قوغلىغانلىق ئەمەس» دېگەننى ئوتتۇرىغا چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ گۇناھىنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، «جۇڭگو جۇڭگودا تۇرۇشلۇق چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىكىنى چەكلىدى» دېگەن پىكرى ئارقىىق جۇڭگوغا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگو مۇخبىرلىرىغا يولسىزلىق بىلەن زەربە بېرىشى ۋە چەكلىشىگە ئويدۇرما باھانە ئىزدىدى.

  ۋاھالەنكى، يامان ئادەم ئاۋۋال ئەرز قىلسىمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوققا چىقىرالمايدۇ، ئاۋازىنى ھەرقانچە يۇقىرى قىلسىمۇ، ئۇلار ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلىگەنلەرگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا «مۇشت چىقىرىشى» ئەسلىدە ئۇزۇندىن بېرى پىلانلاپ كېلىۋاتقان بىر سۇيىقەستىنىڭ بىر ئىپادىسىدۇر. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىش ۋىزىسى ئىلتىماسىغا قارىتا ئارقا-ئارقىدىن ئۇزۇن «مەمۇرىي تەكشۈرۈش»نى يولغا قويۇپ كەلدى، بۇنىڭدا، تۇغقان يوقلاشنى ئىلتىماس قىلغان ياكى ۋەزىپە بىلەن بىللە ئولتۇرىدىغان مۇخبىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا قويمىدى.

  بۇ قېتىمقى «تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش»قا كەلسەك، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى قانۇن نەزەرىيەسى ئاساسى ۋە تەرتىپ ئادىللىقى قاتارلىقلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، تۈرلۈك بىمەنە ئىشلارنى قىلدى. مەسىلەن، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنى «چەت ئەل ئەلچىلەر ئۆمىكى» ۋە «ھۆكۈمەت ۋەكىلى» دەپ ئايرىغان بولسىمۇ، ھەمدە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىغا ھېچقانداق «مۇناسىپ دىپلوماتىيە تەمىناتى» بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارىلىغان بولسىمۇ، يەنە بۇ مۇخبىرلارنى «تاراتقۇ تۈرىدىكى ۋىزا» بىلەن داۋاملىق باشقۇردى؛ يەنە مەسىلەن، جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى زور دەرىجىدە ئازايغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا نەچچە ئون جۇڭگولۇق مۇخبىرنى ئىنتايىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئامېرىكىدىن تېزرەك ئايرىلىشىغا قىستىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ۋىجدانلىق ئامېرىكىلىق زاتلار بەس-بەستە «ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ» دېيىشتى.

  ھەممىگە ئايان، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى نەچچە ئون يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ بىرلا ئىشنى قىلدى: ئامېرىكىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات كەسپىي ئەخلاقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل، ھەقىقىي ۋە توغرا بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاخبارات خەۋەرلىرىنى قانات يايدۇردى؛ جۇڭگو مۇخبىرلىرى ئامېرىكىدا ھەم ئىدېئولوگىيە ئېكىسپورتى بىلەن شۇغۇللانمىدى، ھەم «قارا پەردە قېزىش» ۋە «كۆپتۈرۈش»كە قىزىقمىدى، ئۇلارنىڭ خەۋىرى تارىخ ۋە ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.

  ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئامېرىكا تەرەپ پاكىتقا پىسەنت قىلماي، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، يولسىزلىق قىلدى. تاراتقۇلار ئۇلاردىن "سىلەر جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ مەسىلە بار خەۋەر بەرگەنلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى تۇتۇۋالدىڭلارمۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئامېرىكىنىڭ بەرگەن جاۋابى «ھاجىتى يوق» دېگەندىن ئىبارەت بولدى؛ تاراتقۇلار يەنە "نۇرغۇن دۆلەتلەردىمۇ دۆلەت تاراتقۇلىرى بار، نېمە ئۈچۈن يالغۇز جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا زەربەر بېرىسىلەر؟ دەپ سورىغاندا، بۇ قېتىم جۇڭگوغا قاراتتۇق، دەپ بىۋاستە جاۋاب بەردى.

  ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قاتتىق پوزىتسىيەدە بولۇشى ۋە ھەيۋە قىلىپ بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكىتىدىن، كۆزى ئوچۇق كىشىلەر ئەلۋەتتە ئۇنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى ئاجىزلىقى ۋە ئۆزىگە ئىشەنمەسلىكتەك ئاجىزلىقىنى كۆرەلەيدۇ. ئاخبارات ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاتالمىش «دۇنياۋى قىممەت» بىر چاغلاردا ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئىدېئولوگىيە ئېكىسپورتىنى قىلىش ۋە «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»نى نامايان قىلىشتىكى كوزىر ئىدى. ئامېرىكا بۈگۈنكى كۈندە ئەمەلىي كۈچى ئىشەنچىنى ۋە تۈزۈلمە ئىشەنچىنى يوقىتىپ، تەدرىجىي ھالدا تەرەققىي قىلىپ «ئىدېئولوگىيەگە تاجاۋۇز قىلىش» خام خىيالىغا پېتىپ كەتتى، ھەتتا باشقا دۆلەتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىنى قوغلاش ئارقىلىق سەلبىي ئېففېكت پەيدا قىلىپ، تاشقى دۇنيانىڭ ئامېرىكىنى خەۋەر قىلىشى ۋە ئۇنى تونۇشىغا «ئايرىش تېمى» ھاسىل قىلىپ قويدى.

  ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا زەربە بېرىشتەك بۇ خىل ئۇسۇلىنىڭ ئۆز مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قىلچە پايدىسى بولمايلا قالماستىن، يەنە ئامېرىكىدىكى كەسىپداشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر شارى تاراتقۇلىرىغا بولغان ئىشەنچنى يوقىتىپ قويۇش سىگنالىنى تارقىتىشى ئەمەلىيەتتە ئۆزىنى ئۆزى ھاقارەتلىگەنلىكتۇر. ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك بەلگە چاپلايدىغان، جۇڭگو مۇخبىرلىرىنىڭ سانىنى چەكلەيدىغان، جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىغا ۋىزا بېرىش توسالغۇسى تەسىس قىلىدىغان بىر قاتار خاتا ئۇسۇللارنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ تۈزىتىپ، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاخبارات خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ