خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ17- كۈنى كەچتە كېلىشىۋالغىنى بويىچە ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى سانچېس بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندىن بۇيان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئىسپانىيەدە يامراپ كەتتى، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ قوللانغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرى پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى، نەتىجىدە بىز ئەڭ قىيىن ۋە ئەڭ مۈشكۈل باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتۇق. ھازىر يۇقۇم نۇرغۇن دۆلەتلەردە تارقىلىۋاتىدۇ، جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن خەلقئارا ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى ھەمدە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىشىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ