مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2020.03.18 17:04 مەنبە: خەلق تورى

  «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى؛ مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تەلەپ قىلىندى؛ «زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نىزامى (دەسلەپكى لايىھە)» ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى؛ مۇھىم، زور مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىدە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى ئۈنۈملۈك تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى؛ «زىرائەتلەردىكى كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نىزامى (دەسلەپكى لايىھە)»نى ماقۇللىدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چوقۇم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ