مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئامېرىكىنىڭ زەربە بېرىش قىلمىشىغا جۇڭگو تەرەپ قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ

2020.03.18 16:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ نورمال خەۋەر بېرىش پائالىيىتىگە سەۋەبسىز چەك قويۇپ، يولسىزلىق بىلەن تەڭقىسلىقتا قويۇپ، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنى كەمسىتىش ۋە سىياسىي بېسىم ئىشلىتىش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. بولۇپمۇ 2018-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا ئالاقىدار جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىنى «چەت ئەل ۋاكالەتچىسى» دەپ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، 2020-يىلى 2-ئايدا جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق بەش تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىنى «چەت ئەل ئەلچىلىرى ئۆمىكى» قاتارىغا كىرگۈزدى، ئارقىدىنلا يۇقىرىقى بەش تاراتقۇنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئادەم سانى چەكلەش تەدبىرى قوللىنىپ، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى شەكىل ئۆزگەرتىپ كۆپلەپ «قوغلاپ چىقاردى». جۇڭگو تەرەپ دەرھال ئامېرىكىنىڭ خاتا قىلمىشى توغرىسىدا ئامېرىكىغا كەسكىن سۆزلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە تەدبىر قوللىنىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگو تەرەپ شۇنى جاكارلايدۇكى، بۈگۈندىن باشلاپ:

  بىرىنچى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق بەش تاراتقۇ ئاپپاراتىنى «چەت ئەل ئەلچىلىرى ئۆمىكى» قاتارىغا كىرگۈزۈشىگە قارىتا، جۇڭگو تەرەپ تەڭ دەرىجىدە «ئامېرىكا ئاۋازى»، «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»، «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» دىن ئىبارەت بۇ بەش ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق شۆبىسىدىن جۇڭگوغا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملار، مالىيە، تىجارەت، ئىگە بولغان كۆچمەس مۈلۈك ئۇچۇرى قاتارلىقلارنىڭ يازما ماتېرىياللىرىنى مەلۇم قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.

  ئىككىنچى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، ئەمەلىيەتتە قوغلاپ چىقارغانلىقىغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپ «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»، «ۋال سترېت كوچىسى گېزىتى»، «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنىڭ مۇددىتى توشىدىغان ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى مۇخبىرلاردىن بۈگۈندىن باشلاپ تۆت كۈن ئىچىدە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئاخبارات مەھكىمىسىگە تىزىملىكنى مەلۇم قىلىشىنى ھەمدە 10 كۈن ئىچىدە مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ كىشىلەر بۇنىڭدىن كېيىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە داۋاملىق مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ.

  ئۈچىنچى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو مۇخبىرلىرىغا ۋىزا بېرىش، مەمۇرىي تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەمسىتىش خاراكتېرلىك چەكلەش تەدبىرى قوللىنىشىغا قارىتا، جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا مۇخبىرلىرىغا ئوخشاش تەدبىر قوللىنىدۇ.

  جۇڭگونىڭ يۇقىرىقى تەدبىرلىرى پۈتۈنلەي ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق تاراتقۇ ئاپپاراتلىرىغا يولسىزلىق بىلەن زەربە بەرگەنلىكىگە قارىتا ئامالسىز ئېلىپ بېرىلغان زۆرۈر بولغان باراۋەر قارشى تۇرۇشى بولۇپ، پۈتۈنلەي يوللۇق، مۇۋاپىق قوغدىنىشتۇر. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئۇسۇللىرى مەخسۇس جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرى ۋە ئىدېئولوگىيە ئاداۋىتى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، جۇڭگو تاراتقۇلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى نورمال ھەرىكىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا نورمال ئادىمىيەت ئالاقىسىگە ئېغىر دەرىجىدە كاشىلا قىلغان بولۇپ، ئۆزىنى ماختىغان ئاتالمىش «ئاخبارات ئەركىنلىكى»نىڭ ساختىلىقىنى ئاشكارىلىغان. جۇڭگو ئامېرىكىنى دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، جۇڭگو تاراتقۇلىرىغا بولغان سىياسىي بېسىم ۋە يولسىز چەكلىمىسىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزسە، جۇڭگو تەرەپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قارشى تەدبىر قوللىنىدۇ.

  جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتى ئۆزگەرگىنى يوق ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، بىز باشتىن-ئاخىر ھەر قايسى دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە جۇڭگودا زىيارەت قىلىش، خەۋەر بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قارشى ئالىمىز ھەمدە داۋاملىق قولايلىق يارىتىپ بېرىمىز ۋە ياردەم بېرىمىز. بىز جۇڭگوغا قارىتىلغان ئىدېئولوگىيەلىك ئاداۋەت، ئاتالمىش ئاخبارات ئەركىنلىكى ئارقىلىق يالغان خەۋەر ياساش ۋە ئاخبارات كەسپىي ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارشى تۇرىمىز. چەت ئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە مۇخبىرلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ