مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئايرىم غىزالىنىشتا يۈرەكلىك بولۇڭ

2020.03.18 17:10 مەنبە: خەلق تورى

  «ئاممىۋى چوكا-قوشۇقلار پاكىز بولىدۇ، ئايرىم غىزالىنىشنىڭ پايدىسى كۆپ بولىدۇ». يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، يېقىندا بېيجىڭ، شاڭخەي، چېڭدۇ قاتارلىق جايلاردا ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىپ، تاماق يېگەندە ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىلدى.

  يۇقۇم يۈز بەرگەندىن بۇيان، ھەر قايسى جايلاردا ئائىلىۋى ياكى سىرتقا چىقىپ يىغىلىپ غىزالىنىشتىن كېلىپ چىققان يىغىلىش خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش كۆپ قېتىم يۈز بەردى. ئېلان قىلىنغان يۇقۇم مىسالىدىن قارىغاندا، كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ئادەتلەنگەن ئوپچە غىزالىنىش تۈزۈمى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى پۇرسەت ۋە يول بىلەن تەمىنلەپ، مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇمنىڭ يامرىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئوپچە تاماق يېيىش، ئاممىۋى چوكا ئىشلەتمەسلىكتەك يېمەك-ئىچمەك ئۇسۇلىدا يوشۇرۇنغان ساغلاملىق يوشۇرۇن خەۋپىنى ھېس قىلدۇردى، ئايرىم غىزالىنىشنىڭ مەدەنىيلىكى ۋە ساغلاملىقىنى تونۇتتى.

  بىراق، گەرچە كىشىلەردە ئوپچە غىزالىنىشنىڭ تۈرلۈك كەمچىللىكىگە قارىتا ئورتاق تونۇش بار بولسىمۇ، لېكىن ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىنى ھەقىقىي يولغا قويۇش ئاسان ئەمەس. بۇنىڭ سەۋەبى ئاساسلىقى يەنىلا ئادەمگەرچىلىك، يۈز-خاتىرە قىلىش قارىشىنىڭ توسالغۇ بولۇشىدۇر. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر بىر ئۈستەلدىكى كىشىلەر ئېچىلىپ-يېيىلىپ، بىر-بىرىگە قورۇما قىسىپ قاچىسىغا سېلىپ قويسا، ئاندىن ئادەمگەرچىلىكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، كەيپىيات تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزىلەر، كۆپچىلىك ئوپچە تاماق يېيىشكە ئادەتلىنىپ قالدى، ئۆزۈم ئايرىم تاماق يېيىشنى ئوتتۇرىغا قويسام ئادەمگەرچىلىك بولمايدۇ، يۈزۈم قالمايدۇ، دەپ قاراپ، خىجىللىك سەۋەبىدىن ئايرىم غىزالىنىشتىن قورقىدۇ.

  ئايرىم غىزالىنىشتا، باتۇرلۇق بىلەن ئىش قىلىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. بۆلۈنۈپ تاماق يېگەندە ھەم ساغلام، ھەم مەدەنىي، ئەدەپلىك بولغىلى بولىدۇ، شۇڭا ئىدىيەۋى يۈكنى تاشلاپ، مەردانىلىك بىلەن ئىش كۆرۈپ، ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، كەيپىياتنى يېتەكلەش كېرەك. بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يۇقۇم كىشىلەرنىڭ كەڭ-كۇشادە ئايرىم غىزالىنىش، تەبىئىي ھالدا ئايرىم غىزالىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە ناھايىتى ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بەردى. شۇنى بىلىش كېرەككى، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىغا مەسئۇل بولۇش — ئەڭ چوڭقۇر «ئادەمگەرچىلىك» ھېسابلىنىدۇ، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىنى ساغلام، پاكىز ئۇسۇلدا غىزالاندۇرغاندا ھەقىقىي «يۈز-ئابرويى» بار بولىدۇ. ئەگەر ئايرىم غىزالانماسلىق سەۋەبلىك ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ كېسەل تارقالسا، ئادەمگەرچىلىك ۋە يۈز-ئابرويدىن قانداق ئېغىز ئاچقىلى بولسۇن؟ راستلا يۇقۇملىنىش يۈز بەرسە ئادەمگەرچىلىك ۋە يۈز-ئابرويمۇ بىرلىكتە يوق بولىدۇ.

  ئايرىم غىزالىنىشتا، تەبىئىي ئادەتكە ئايلاندۇرىدىغان غەيرەت بولۇشى كېرەك. ئاتالمىش «قائىدە-يوسۇننى بىلمەسلىك» بىر خىل ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلانغاندا، كىشىلەر تۇيۇقسىز ياكى باشقىچە بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلمايدۇ ياكى خىجىل بولۇپ ئېغىز ئېچىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى خالىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلمەيدۇ. يې شېڭتاۋ ئەپەندى: «ئادەتنى تەبىئىيلىككە ئايلاندۇرۇش» دېگەن ماقالىسىدە، «ئادەتنى تەبىئىيلىككە ئايلاندۇرۇش» دېگىنىمىز «قەستەن باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، خۇددى ئەسلىدىلا شۇنداق بولۇشى كېرەك، دېگەن مەنىدە» دەپ قارىغان. ئايرىم غىزالىنىشنى بىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى ۋاقىتلىق تەدبىر قىلىپلا قالماستىن، بەلكى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، ئۇزاققىچە بىر خىل ياخشى تازىلىق ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى قىلىشىمىز كېرەك. ئايرىم غىزالىنىش جەمئىيەتتە كۆپچىلىكنىڭ ئومۇميۈزلۈك تاللىشى، بىردەك ھەرىكىتىگە ئايلانغاندا، بىر خىل ئاممىبابلاشقان مۇھىت ۋە كەيپىيات شەكىللىنىدۇ، ئۇ چاغدا بىرەرسىنىڭ ئوپچە تاماق يېيىشتە چىڭ تۇرۇشى ئەكسىچە زامانغا لايىق بولمىغان، جاسارەت كېرەك ئىش بولۇپ قالىدۇ.

  ياخشى ھەرىكەت ئۇسۇلىنى دادىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، ياخشى ئادەتنى مەردانىلىك بىلەن ساقلاش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئايرىم غىزالىنىش تۈزۈمىمۇ ھەم شۇنداق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ