مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: بولدى بەس! بۇ قەدەر بىمەنە سەپسەتىلەر ۋە ئەيىبلەشلەر ئەمدى توختىسۇن !

2020.03.23 17:40 مەنبە: خەلق تورى

  2009- يىلى (H1N1) تۈرىدىكى تارقىلىشچان زۇكام پەيدا بولغاندا، گەرچە ئۇنىڭ كەڭ تارقالغان جايى شىمالىي ئامېرىكا بولغان بولسىمۇ، بىز ئۇنى «شىمالىي ئامېرىكا تارقىلىشچان زۇكىمى» دېمىگەن ئىدۇق، چۈنكى، ۋىرۇسنىڭ دۆلەت ۋە رايون چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇ تارقالغاندا ھەرگىز ئىرقىي تۈر، تېرە رەڭگى ۋە بايلىققا قاراپ ئايرىپ تارقالمايدۇ. بىز سۆز ئىشلىتىشتە چوقۇم ئېھتىياتچان بولىشىمىز كېرەك، ۋىرۇسنى يەككىلەشتۈرۈشتىن ۋە ئايرىم كىشىلەر بىلەن باغلاشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. جەنۋە ۋاقتى 3- ئاينىڭ 18- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئەھۋالىنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ جىددىي تۈر مەسئۇلى مايكول رۈيئەن ئاخبارات ۋاستىلىرى دىققەت قىلىۋاتقان «جۇڭگو ۋىرۇسى» ئاتالغۇسىغا ئالاقىدار سۆزلەرگە قارىتا ئېنىق ئىنكاس قايتۇردى.

  يېقىنقى بىر مەزگىلدە، ئايرىم دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي ئەربابلىرى ئاتالمىش «جۇڭگو ۋىروسى دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كەلدى»، «ۋۇخەن ۋىرۇسى باش جىنايەتچىدۇر» دېگەندەك غەلىتە سەپسەتىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىنى ئالا-بۇلاڭ قىلىۋەتتى. تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئەمەلىيەتتە بولسا، ئۆز دۆلىتىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنىڭ كۈچلۈك بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان بۇ «قارا قازان»نى جۇڭگوغا يۈكلىتىپ قويۇش قەستىدە بولغانلىقتۇر. مايكىل رۈيئەننىڭ يوللۇق چۈشەندۈرۈشى خەلقئارادىكى بىلىملىك زاتلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇ، زادى كىمنىڭ كۆز بويامچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ تىرىشىپ ھەقىقىي ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  يۇقۇمدا پارتلاش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەندىن بۇيان، جۇڭگو دەرھال يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ قاتتىق تەدبىرىنى قوللىنىپ، كېسەللىكنىڭ خەلقئاراغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۇنجى مۇداپىئە سېپىنى بەرپا قىلىپ، باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور قۇربان بەردى، جۇڭگو پۈتۈن دۇنيانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى. دۇنيادىكى 170 نەچچە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە 40 نەچچە خەلقئارا رايون تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى بۇنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى.

  ھالبۇكى، پۈتۈن دۇنيا كېسەل بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، ۋاقىت بىلەن مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي كۈرەش قىلىۋاتقان مۇھىم پەيتتە، ئايرىم دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتۋازلىرى ۋە تاراتقۇلىرى «جۇڭگو ۋىرۇسى دۇنياغا ئاپەت ئېلىپ كەلدى» دېگەندەك سەپسەتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، «جۇڭگو يۇقۇم ئاپىتىنى پەيدا قىلغانلىقىغا مەسئۇل بولۇش كېرەك» دەپ بىمەنە ۋە يالغان-ياۋىداق گەپلەر بىلەن چالۋاقىدى. بۇلار بولسا، پاكىتقا پىسەنت قىلمايدىغان سەپسەتىلەر بولۇپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ «يۈرەكنى ئېچىشتۇرىدىغان نەزەرىيە»دۇر ھەمدە ئىلىم-پەنگە خىلاپ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان، ئۇچىغا چىققان پىتنە-ئىغۋا سۆزلەردۇر. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەن ئەسلىدە ۋىرۇس ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇق دۈشمەن نامىنى بۇلغاش قەستىدە بولغانلاردۇر.»

  ھەممىگە ئايانكى، بۇ قېتىمقى يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ نامىغا كەلسەك، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاللىقاچان ئۇنىڭغا COVID - 19 دەپ نام بەرگەن ئىدى، ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى يەنىلا داۋاملىشىۋاتىدۇ، بۇ ئىلىم-پەن ساھەسى ھەتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى. ئايرىم دۆلەتلەردىكى سىياسەتۋازلارنىڭ مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ۋىرۇس ئارقىلىق جۇڭگوغا قارا چاپلاپ، ئۆزىنىڭ خىزمەت سەۋەنلىكىنى جۇڭگوغا دۆڭگەپ قويۇش، ھەمدە جۇڭگوغا بەلگە چاپلاش ۋە قالپاق كىيگۈزۈشتەك بۇ خىل قوپال قىلمىشلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلاردىكى ئىنتايىن ئاددىي بولغان بىر خىل قوپال «سىياسىي ماھارەت» بولۇپ، ئۇ پەقەت ئۇلارنىڭ تار ئىدىيەلىك ئىكەنلىكى ۋە نادانلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. بۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغىنى شۇكى، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىكى ھەمكارلىقنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشىغا پايدىسىز بولۇپ، ئۇ، دۇنيانىڭ «يۇقۇملۇق كېسەل»گە تاقابىل تۇرۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقتۇر.

  پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇش كېرەكمۇ ياكى قوشنىسىغا ئورا كولاش كېرەكمۇ؟ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىش كېرەكمۇ ياكى بىر چەتكە چىقىلىۋېلىپ تۇرۇپ ئوت تۇتۇرۇقچىلىق قىلىپ تاماشا كۆرۈش كېرەكمۇ؟ قاردا كۆمۈر يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەكمۇ ياكى ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك كېرەكمۇ؟ بۇلارنىڭ جاۋابى ناھايىتى ئېنىق. بولدى بەس! رەڭلىك كۆزئەينەك تاقىۋېلىپ باشقىلارنى سەۋەبسىز ئەيىبلەيدىغان ۋە باشقىلارغا سېسىق ناملارنى چاپلايدىغان ئۇنداق ناچار قىلمىشلار ئەمدى توختىتىلسۇن! پىتنە-ئىغۋا ئويدۇرۇپ چىقارغان ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش پەيدا قىلغان ئاشۇ كىشىلەر، ئەگەر ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغان بولسا، ئۇلار چوقۇم ئويغۇنۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ