مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.03.24 16:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23- مارت كەچتە فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل 1- ئايدىن بۇيان، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئۈچ قېتىم تېلېفونلاشتىم. بۇ، ئارىمىزدىكى يۈكسەك ئىشەنچنىڭ ۋە جۇڭگو-فرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە ھېسداشلىق قىلىش ۋە بىر-بىرىنى قوللاشتەك دوستلۇق ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىشى ۋە قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىشىگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. مەن نۆۋەتتىكى ياۋروپا ۋە فرانسىيەدىكى يۇقۇمنىڭ تەرەققىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىمەن. فرانسىيە بىر قاتار ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك بولغان ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ، مەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن ھەمدە ئۇلارنى قەتئىي قوللايمەن. جۇڭگو كۈچىنىڭ يېتىشىچە فرانسىيەنى داۋاملىق قوللايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ