خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 19-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەزنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن خىزمەتلەرنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ، خۇبېي ۋە ۋۇخەننىڭ داۋالاش، قۇتقۇزۇش، مەھەللە ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ۋە كېيىنكى خىزمەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، باشقا رايونلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ قايتا ئاينىپ كېتىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ كىرىش- چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى دەل جايىدا ياخشى ئىشلەپ، توسۇقلارنى ئېچىپ، توسالغۇلارنى تازىلاشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ