خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 19-مارت كەچتە تەكلىپكە بىنائەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى شىددەت بىلەن يۈز بەردى، جۇڭگو چوقۇم قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، چۈنكى بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، يەنە پۈتۈن دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگىمۇ مۇناسىۋەتلىك. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. بىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز، ئىقتىدارىمىز بار. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى ئاساس قىلىپ، خەلقئارا يۇقۇم مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە قۇتقۇزۇش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، بىرلەشمە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ