خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23-مارت كەچتە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى جونسون بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئەنگلىيە خەلقىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرغانلىقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى، ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر خادىملارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە سودا راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. جۇڭگونىڭ ئەنگلىيەنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە ياردەم بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باش ۋەزىر ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەنگلىيە خەلقىنىڭ يۇقۇمنى چوقۇم يېڭەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ