مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.03.24 16:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 23- مارت كەچتە مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە يۇقۇم پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەت شۇنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانلار بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىدۇر. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ئاساسىدا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تەھدىت ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئاممىۋى سەھىيە ساغلاملىقى بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ. يۇقۇم يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىسىر جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايەن قىلدى. مىسىر نۆۋەتتىمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ جىددىي ۋەزىپىسىگە دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو جەزمەن مىسىر بىلەن يۇقۇم ئەھۋالى ئۇچۇرى، ئالدىنى ئېلىش داۋالاش تەجرىبىسى ۋە داۋالاش تەتقىقات نەتىجىلىرى قاتارلىقلاردىن ۋاقتىدا تەڭ بەھرىمەن بولۇپ ۋە مىسىرنى ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ، مىسىر تەرەپنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى قوللاپ، يۇقۇمغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بۇ قېتىمقى قول تۇتۇشۇپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، مىسىر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-مىسىر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ئەللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنقى سىناق تاختىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ