خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- چېسلا كەچتە پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پولشا ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە جۇڭگو تەرەپتىن ھال سورىدى ۋە قوللىدى، جۇڭگو خەلقى بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقىي ئەھۋالنى كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو پولشا ھۆكۈمىتى ۋە پولشا خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو يەنە پولشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ۋە شەرقىي ياۋروپادىكى 17 دۆلەت بىلەن سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئارا سىن يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار ۋە ئالاقىدار ئۇسۇللاردىن ۋاقتىدا بەھرىمەن بولدى. جۇڭگو تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پولشانى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ