مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بوسونارو بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.03.25 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- چېسلا كەچتە تەكلىپكە بىنائەن برازىلىيە زۇڭتۇڭى بوسونارو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن برازىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە برازىلىيە خەلقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرىۋاتقانلىقى ۋەجىدىن ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىندىن بۇيان، يۇقۇم يەر شارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ تارقىلىشى ناھايىتى تېز بولىۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە بولسا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدۇر. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا ۋە مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيەدە بولۇپ، يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاش تەجرىبىسىدىن سەمىمىي ھالدا تەڭ بەھرىمەن بولدى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بەردى. مەن يۇقۇمىنىڭ برازىلىيەدىكى تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىۋاتىمەن، ھەمدە بىرازىلىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى بالدۇرراق توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۈگۈن، جۇڭگو بىرازىلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارىب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆرۈنمە چاستوتىلىق خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو بىرازىلىيەگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، يۇقۇمنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ