مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.03.26 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- مارت كەچتە گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگودا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، سىز جۇڭگودىن ھال سورىدىڭىز ۋە بىزنى قوللىدىڭىز، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ھەر ساھەدىكىلەر بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇندى، جۇڭگو خەلقى بۇنى ئېسىدە چىڭ ساقلايدۇ. نۆۋەتتە، گېرمانىيەمۇ يۇقۇمنىڭ كەسكىن خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو خەلقى بۇنى بىۋاستە ۋە چوڭقۇر ھېس قىلماقتا. جۇڭگو جەزمەن گېرمانىيە تەرەپنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەمدە چامىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق تۈردە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ، گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرىمۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىغا ئەگىشىپ جۇڭگوغا تەكشۈرۈشكە كەلدى. جۇڭگو يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە داۋالاش تەجرىبىلىرىدىن گېرمانىيە بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ھەمدە گېرمانىيە بىلەن ۋاكسىنا ۋە دورا تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ساغلاملىقى، بەخت-سائادىتى ۋە يەر شارى جامائەت ساغلاملىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. مەن سىزنىڭ گېرمانىيە خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، يۇقۇمنى بالدۇرراق يېڭىشىڭىزنى تىلەيمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ