مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

ياسىمىچىلىق ۋە ئوبوروت كەسپىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان تەدبىرلەر بېكىتىلدى؛ دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

2020.03.25 17:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 3-ئاينىڭ 24-كۈنى گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىن ئېچىپ، ياسىمىچىلىق ۋە ئوبوروت كەسپىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان تەدبىرلەرنى بېكىتتى؛ دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە يۈك توشۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ تەمىنلەش زەنجىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادا يۇقۇم كەڭ تارقىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد بەلبېغىغا بىر قاتار خىرىسلارنى ئېلىپ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئۇنىۋېرسال تەتقىق قىلىپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى يەنىمۇ قاراتمىلىق ھالدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يېڭىدىن قوزغالغان كېسەللىك بىمارىدىن بىرسى بايقالسا بىرنى ۋاقتىدا بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇچۇرنى ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىش كېرەك. بۇ ئاساستا، ياسىمىچىلىق ۋە ئوبوروت كەسپىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى، كەسىپنى پائال، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  بىرىنچى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ياسىمىچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ۋاقتىدا ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش، بولۇپمۇ پۈتۈن دۇنيا كەسىپ زەنجىرىدە مۇھىم تەسىرگە ئىگە كارخانا ۋە ئاچقۇچلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئېكسپورتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛

  ئىككىنچى، ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىشتۈرۈپ زورايتىپ، توردىكى پارچە سېتىش، يېمەك-ئىچمەك، سوراپ دىياگنوز قويۇش، مائارىپ قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەھەللە ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال تورىنى راۋانلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛

  ئۈچىنچى، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى يۆلەيدىغان بېكىتىلىپ بولغان سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئىناۋەتلىك قەرز پۇل، داۋاملىق قەرز بېرىش ۋە ئوتتۇرا، ئۇزاق مۇددەتلىك قەرز پۇل نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز ئارقىلىق تۇنجى قېتىم قەرز ئالغان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى كۆپرەك قوللاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. چوڭ كارخانا، باش كارخانىلارنىڭ ئېرىشكەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن پايدىلىنىپ، ئالدىن پۇل تۆلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق بىرلەمچى، ئىككىلەمچى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا نەق پۇل بېرىپ، ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك؛

  تۆتىنچى، تاشقى ئېھتىياج زاكىسىنىڭ تۆۋەنلەش ھالىتىگە قارىتا، كارخانىلارنىڭ توردا كېڭىشىپ، توردا كۆرگەزمە قىلىپ زاكازنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قوللاش كېرەك. خەلقئارادىكى يۇقۇمدا يېڭى ئۆزگىرىش يۈزبېرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، بۇ يىللىق ئەتىيازلىق جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ۋە تور قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ئورنىغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ