خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 24- چېسلا كەچتە قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن تېلېفونلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەلپازى يامان بولىۋاتىدۇ، بۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر قېتىملىق چوڭ سىناق بولماقتا. جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى ئەڭ مۈشكۈل ھالدا تۇرىۋاتقان شۇ پەيتتە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھەر ساھە جۇڭگو ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. نۆۋەتتە، قازاقىستاندا يۇقۇم يامراش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قازاقىستان تېزدىن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، بارلىق خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلدى، جۇڭگو بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بەردى. دوستانە قوشنا دۆلەت ۋە مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئەلۋەتتە قازاقىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىۋاستە ھېس قىلغاچقا، ئۇنىڭغا پائال مەدەت ۋە ياردەم بېرىدۇ. جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ بىر-بىرىنى قوللىشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسى ۋە ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەمكارلىشىپ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشىغا ئۈلكە تىكلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ