مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مەسئۇلى زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2020.03.26 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياتچىسى خۇا چۈنيىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

  بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى بۇ يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ رەئىس دۆلىتى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، سىن يىغىنى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 26-كۈنى 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما چاۋشۈ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە جۇڭگو گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە جۇڭگونىڭ ئارزۇسىنى تونۇشتۇردى.

  ما چاۋشۈ مۇنداق دېدى: 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. G20 نىڭ ئەزالىرى، ئەزىز مېھمانلار ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىدۇ. بۇ، G20 تارىخىدا رەھبەرلەرنىڭ تۇنجى قېتىم سىن يىغىنى ئېچىشى، شۇنداقلا يۇقۇم پارتلىغاندىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ قاتناشقان تۇنجى مۇھىم، زور كۆپ تەرەپ پائالىيىتىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ