مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشتىكى قالايمىقان ۋەزىيىتى ۋە سىياسىي زاۋاللىقى

2020.04.01 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نۆۋەتتە، ئامېرىكا دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلاندى، ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەنىلا نەچچە ھەپتە، ھەتتا نەچچە ئايدا ئاندىن يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۈزۈل-كېسىل كونترول قىلغىلى بولىدىكەن. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېنىق ئېسىدە بولغىنى شۇكى، زۇڭتۇڭ ترامپ 1-ئايدا تېخى يەنە ھەممىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، دۇنيادىكى بۇ كۈچلۈك دۆلەت يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا مادارى بولماي، ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدى. ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىككى پارتىيە تۈزۈمى، فېدېراتسىيە تۈزۈمى، زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى ۋە سايلام سىياسىيسى قاتارلىق بىر قاتار سىياسىي تۈزۈملەرنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشى يۇقۇمغا زەربە بېرىش ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ئامېرىكىدا يۇقۇمنىڭ ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنماي، يامراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇھىم ئامىل.

  بىرىنچىدىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كەسكىن كۈرىشى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن «سىياسىيلاشتۇرۇپ»، ئاممىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك يۇقۇم ئەھۋالىغا بولغان تونۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزدى. ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، ئىككى پارتىيەنىڭ تالاشتارتىشى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنت كۈرىشى سەۋەبلىك، كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت ئىش توختاتتى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن چىققان پارلامېنت ئەزالىرى يەنە ئارقا-ئارقىدىن «رۇسىيە بىلەن ئالاقە قىلىش سەتچىلىكى»، «ئۇكرائىنا بىلەن ئالاقە قىلىش سەتچىلىكى» قاتارلىق ۋەقەلەردىن پايدىلىنىپ ترامپ ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرنى تەكشۈردى، ھەتتا ئەيىبلىدى. بۇ خىل قالايمىقانچىلىق يۇقۇم مۇداپىئەسىگىچە كېڭەيدى، دېموكراتلار پارتىيەسى ترامپنى يۇقۇمنىڭ تەھدىتىنى تۆۋەن مۆلچەرلىدى، دەپ ھۇجۇم قىلدى، ترامپ بولسا دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ يۇقۇمنى سىياسىيلاشتۇرۇشى ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىغا زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغان، دەپ جار سالدى. دېموكراتلار پارتىيەسىگە قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن، ترامپ بىر مەھەل يۇقۇم ئەھۋالىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلغىلى بولىدۇ، دەپ پو ئاتتى.

  ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى دۆلەت كاتىپى كامبېل يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ترامپ ھۆكۈمىتى يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى سۆزلىرىدە قايمۇقۇش ۋە ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۇقۇم ئەھۋالىغا بولغان تەييارلىقنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. يېقىندا، ئىلگىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە ترامپنى قوللىغان، دېموكراتلار پارتىيەسىنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىنى مۇبالىغە قىلدى، دەپ رەددىيە بەرگەن فوكس ئاخبارات قانىلىنىڭ دىكتورى ترىش رېگان ئىشتىن بوشىتىلدى، بۇ، ئاتالمىش «سۇيىقەستچىلىك نەزەرىيەسى»گە ۋە ئىككى پارتىيەنىڭ يۇقۇم ئەھۋالىنى جامائەت پىكرى ۋە سىياسىي قورال قىلىۋېلىشقا ئاممىنىڭ ئاللىقاچان چىداپ تۇرالمىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  ئىككىنچىدىن، فېدېراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا «پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ، يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولغان ئىشتات ۋە رايونلارغا قارىتا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتنىڭ پىكرى بىردەك ئەمەس بولۇپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش بىر قەدەر قىيىن. دۆلەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى بىلەن ئىشتاتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ بىر كۆڭۈللۈك تارىخ بولمىدى، بولۇپمۇ جەمئىيەت ۋە خەلق تۇرمۇشىغا چېتىلىدىغان قارالمىلاردا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشتاتقا قارىتا مۇتلەق بولغان باشقۇرۇش ھوقۇقى يوق. مەسىلەن، ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، قاتتىق بولغان كۆچمەنلەر سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن ئىشتاتلارنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا، ھەتتا بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىدى. قورال تۇتۇش قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائىي قارالمىلاردا، ھەرقايسى ئىشتاتلارنىڭ بەلگىلىمىلىرىمۇ ھەرخىل بولدى.

  ترامپ جەمئىيەت ئىقتىسادى ۋە ئاممىنىڭ كەيپىياتىنى تېزدىن مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ يامرىشىدەك جىددىي ئەمەلىيەتكە قارىماي، ئىجتىمائىي ئايرىشنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن بۇ خىل قاراش ئامېرىكىنىڭ قىسمەن ئىشتاتلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. كالېفورنىيە ئىشتاتى، نيۇ-يورك ئىشتاتى، ئوخايو ئىشتاتى، پېنسىلۋانىيە ئىشتاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىشتاتلار قاتتىق بولغان «ئۆيدە تۇرۇش بۇيرۇقى» ئېلان قىلدى، بەزى ئىشتاتلار يەنە ئىجتىمائىي ئايرىۋېتىش ھوقۇقىنى ناھىيە ۋە شەھەرلەرگە چۈشۈرۈپ، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىدىنمۇ قاتتىق بولغان «ئايرىش بۇيرۇقى»نى يولغا قويدى، لېكىن فلورىدا ئىشتاتى، تېننېسسى ئىشتاتىنىڭ باشلىقلىرى ترامپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر دۆلەتتە كۆپ خىل سىياسەت بولۇش ھادىسىسى سەۋەبىدىن، ئامېرىكا خەلقى يۇقۇم تەھدىتى ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، زادى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىشنى ياكى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

  ئۈچىنچىدىن، يۇقۇمنىڭ پارتلىشى دەل ئامېرىكا چوڭ سايلام يىلىغا توغرا كېلىپ قالدى، ترامپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئۆزىنىڭ سايلىنىش ئەھۋالىنى روشەن باغلىدى. بىر تەرەپتىن، دۆلەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى «ئۇرۇش مەزگىلىدىكى زۇڭتۇڭ» دەپ ئاتاپ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئۆزىنى قوللاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. ترامپ يەنە ئۆزىگە پايدىسىز بولغان دۆلەت ئىچىدىكى ئاممىۋىي پىكىرنى دېموكراتلار پارتىيەسىگە، ھەتتا جۇڭگوغا دۆڭگەپ، دۆلەت ئىچىدە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش، چەتكە قېقىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئارقىلىق 2016- يىللىق سايلامدىكى «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش» ئويۇنىنى تەكرارلىماقچى بولدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، ترامپ يۇقۇم كىرزىسىگە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى جەھەتتە توخۇ يۈرەكلىك قىلىپ، سۆرەلمىلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىدىن بەكرەك ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى ئويلاشتى. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ داۋالاش، مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ئىنتايىن كەمچىل، لېكىن ترامپ 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاندىن «دۆلەت مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى»نى ئىمزالاپ يولغا قويدى. ئامېرىكىدىكى «نام-مەنپەئەت مەيدانى» ناملىق تاراتقۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ترامپ بەزى چوڭ كارخانىلارنىڭ بۇ قانۇننىڭ ئۆزىگە پايدىسىز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى سەۋەبلىك ئارىسالدى بولغان، ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى ۋە بەزى كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرىمۇ ئىزچىل ھۆكۈمەتنى بۇ قانۇننى يولغا قويماسلىققا دەۋەت قىلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سايلام يىلىدا ترامپ بۇ مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ پايدا- زىيىنىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلمەكتە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەكسىچە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

  بۈگۈنكى كۈندە، يۇقۇم كۆپ قاتلام، كۆپ ساھەدە ئامېرىكا جەمئىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ، ھەر قايسى كەسىپلەر پائال تەڭشىلىپ، يېتىپ كېلىش ئېھتىمالى بولغان قەھرىتان سوغۇقنى كۈتۈۋالماقتا. ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتى ئۆزگەرمەس قەدەملىرىنى تاشلاپ، كونىلىقنى ساقلاش ئىدىيەسى بىلەن، يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئامېرىكا سىياسىيسىنىڭ خارابلىشىشىنى داۋاملىق تېزلەتمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ