مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش نەتىجە-ئۈنۈمىنى مۇستەھكەملەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇشنى تەلەپ قىلىپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى گەۋدىلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.03.31 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچى-سىرتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىيىتىدىكى يېڭى مۇھىم، زور ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى بىلەن دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تاكتىكىسى ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ بالدۇرراق نورمال يولغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھازىر دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائال، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى، نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى. لېكىن پۈتۈن دۇنيادا يۇقۇم كەڭ تارقىلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلىسا بولمايدۇ. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، يۇقۇم ۋەزىيىتىنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىپ، كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، دۆلىتىمىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە دۇچ كەلگەن خەۋپ-خەتەر بېسىمى ۋە خىزمەتتىكى مۈشكۈللۈكنى تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەك. ئېغىر ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش-داۋالاش، دوختۇرخانىدىن چىققانلارنى 14 كۈن ئايرىش ۋە 28 كۈن تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى قىزىتما ئامبۇلاتورىيەسىنىڭ ئالاقىدار كېسەللىك مىساللىرىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى توردا ئۇدۇل مەلۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، «تۆت بالدۇر»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جايلار ئۇچۇرنى ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كېسەللىك مىسالىنىڭ نۆللۈك دوكلاتىنى ساقلاشنى قوغلىشىپ يوشۇرۇش، چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ، بۇ ھەم ئاممىنى مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلەشكە يېتەكلەشكە، ھەم ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى پائال، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ كىرىش-چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك. تەكشۈرۈش كۈچى ۋە ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلەرنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، چېگرادىن كىرگەن بارلىق خادىملارنىڭ نوكلېئىك كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ، سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىنى ھەقىقىي ياخشى ساقلاش كېرەك. چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا-كونسۇلخانا ۋە ئالاقىدار تارماقلار دۆلىتىمىز چېگراسى سىرتىدىكى پۇقرالىرىنى كونسۇل جەھەتتىن قوغداپ، مۇداپىئە يېتەكچىلىكى ۋە ماددىي ئەشيا كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ