مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئارىدىن 15 يىلدىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئەنجى ناھىيەسىنىڭ يۈسۈن كەنتىگە بېرىپ تەكشۈردى

2020.03.31 17:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن 15 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم جېجياڭنىڭ ئەنجى ناھىيەسى يۈسۈن كەنتىگە بېرىپ تەكشۈردى. 2005-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئەينى ۋاقىتتىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭ يۈسۈن كەنتىنى تەكشۈرگەندە، تۇنجى قېتىم «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. كەنت يولىنى بويلاپ مېڭىپ، ياپيېشىل دەرەخلەرنى، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇنى، رەتلىك يوللارنى، ھەممە ئائىلىنىڭ گۈزەل بىنا ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ئىنتايىن خۇشال بولدى. كەنت ئاھالىلىرى يول بويىدا چۆرىدىشىپ، بەس-بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سوراپ، باش شۇجىنىڭ يۈسۈن كەنتىگە يەنە بىر قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ۋاقىت ئاتقان ئوق، ئەينى يىللىرىدىكى مەنزىرە ھېلىمۇ كۆز ئالدىمدا، بۇ قېتىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كېتىپتۇ، يۈسۈن كەنتىدە گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇش رېئاللىققا ئايلىنىپتۇ. يۈسۈن كەنتى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېشىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش توغرا بولغان، يولنى توغرا تاللىغاندىن كېيىن ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ