مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەيگە جاۋاب خەت يازدى

2020.03.27 17:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 26- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەيگە جاۋاب خەت يېزىپ، تەن دېسەينىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، ھەمدە جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  3- ئاينىڭ 17- كۈنى، تەن دېسەي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئاجايىپ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي ئىرادىسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىجتىھات بىلەن تۆھپە قوشۇشىدىن پايدىلىنىش نەتىجىسىدە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك رەۋىشتە تېز تاقابىل تۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلدى. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتكە شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، پەقەت مۇھىم نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرگەندىلا، يۇقۇمنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. مەن يەنە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى ۋە خەلقئارا يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى مەبلەغ بىلەن قوللىغانلىقىغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. بۇ ساخاۋەتلىك ئىش يەر شارى بويىچە ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق روھىنى نامايان قىلدى. بۇ، يۇقۇم ئەھۋالىنى تېزدىن توسۇشتا ئىنتايىن مۇھىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ