شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى

شى جىنپىڭ خەلقئاراغا مۇراجىئەت قىلىپ، خەلقئارا چوقۇم بىرلەشمە مۇداپىئە كۆرۈش-بىرلەشمە كونترول قىلىشنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتە پۈتۈن يەر شارى بويىچە توسۇپ زەربە بېرىشتىكى جەڭنى قەتتىي تۈردە ياخشى قىلىشنى، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىپ چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەكىتلىدى

ۋاڭ خۇنىڭ ھەمراھ بولۇپ يىغىنغا قاتناشتى

2020.03.27 17:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- ئاينىڭ 26- كۈنى كەچتە بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە «يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يېڭەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۇيۇقسىز تارقالغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ئىلمىي يوسۇندا ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئومۇمىي تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش ۋە بىرلىشىپ تىزگىنلەشتە، ھەمدە ئاشكارا ۋە ئېنىق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىر مەيدان خەلق جېڭىنى باشلىدى. جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ھەمدە غايەت زور قۇربان بېرىش نەتىجىسىدە، نۆۋەتتە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. لېكىن، بىز يەنىلا ھوشيارلىقنى قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. نۆۋەتتە، يۇقۇم يەر شارى مىقياسىدا يامراۋاتىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نۆۋەتتە ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغىنى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئىشەنچنى چىڭىتىش، بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ تاقابىل تۇرۇش، ئىنسانلارنىڭ بۇ ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە بىرلىكتە غەلىبە قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو جەزمەن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ھەمراھ بولۇپ يىغىنغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئەزالار جۇڭگوغا سەمىمىي ياردەم بەردى ۋە جۇڭگونى قوللىدى، بىز بۇ دوستلۇقنى باشتىن-ئاخىر ئەستە ساقلايمىز ۋە قەدىرلەيمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنىدۇر. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەر شارى مىقياسىدا يامراپ، خەلقنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ۋە سالامەتلىكىگە غايەت زور تەھدىت سالماقتا، يەر شارىنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىگە غايەت زور خىرىس پەيدا قىلماقتا. شى جىنپىڭ يىغىن قارالمىسى توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ