مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2020.03.31 17:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 34-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش سىستېمىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىگە قاتناشقانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرى-تۆۋەندىكىلەر ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى بىلەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە باسقۇچلۇق مۇھىم نەتىجە-نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇم ۋەزىيىتىگە قارىتا چىقارغان ھۆكۈمى ۋە تەدبىرىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى، قوللانغان تۈرلۈك تەدبىرىدە باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن سالامەتلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالاقىدار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چارە-تەدبىر كۆرسىتىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قوش يۆنىلىشلىك كۈچ چىقىرىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت «قوش غەلىبە»نى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ تېببىي سەھىيە ساھەسىدىكى ئەزالار قارشى يۆنىلىشتە سەپەرگە چىقىپ، ھايات-مامات بىلەن ھېسابلاشماي، يۇقۇمغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەت-بۇرچىنى ئادا قىلىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ