مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ھەم تارقىلىشچان كېسەل ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، قۇرۇقلۇق چېگراسىدىن يۇقۇمنىڭ چېگرا ھالقىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پائال ئالغا سىلجىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2020.04.03 17:40 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى كېچياڭ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى يۇقۇمنىڭ يېڭى ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى داۋاملىق قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى خەۋپ-خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ۋە تۈگىتىپ، ئاجىز ھالقىلارغا قارىتا قۇرۇقلۇق چېگراسىدىن يۇقۇمنىڭ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، توپلىشىشتىن كېلىپ چىقىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك؛ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، يۇقۇم ئۇچۇرىنى ئاشكارا، ئېنىق ئېلان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش، چالا مەلۇم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ مەلۇم قىلىشقا بولمايدۇ. ئىلمىي، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلەن بىللە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كۈچلۈك، تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرمۇبىر تەكشۈرۈش دوكلاتى، ئايرىش ۋە تېببىي جەھەتتىن باشقۇرۇش، قويۇق ئۇچراشقۇچىلارنى باشقۇرۇپ كونترول قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى ئۇچۇرنى سىرتقا ۋاقتىدا ئېلان قىلىش كېرەك. ۋۇخەن شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسى ۋە باشقا قىسمەن ئۆلكىلەرنى تەشكىللەپ، مۇھىم نۇقتىسى ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنى تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى چۈشىنىپ، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ يۇقۇشچانلىقى ۋە كۈچلۈك-ئاجىزلىقى قاتارلىقلارنى باھالاش كېرەك ھەم تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاپ، دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك. دوختۇرخانىدىن چىقىش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققۇچىلارنى ئايرىپ كۆزىتىش، قايتا دىياگنوز قويۇش، قايتا تەكشۈرۈش، ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىق پۈتۈن مۇساپە بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كېسىلى قايتا قوزغالغان خادىملارنى بايقىغان ھامان دەرھال ئايرىپ داۋالاش كېرەك. خۇبېيدىن ئايرىلىش يولىنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، يولنى كارانتىن قىلىپ تەكشۈرۈشنى ئىلمىي قېلىپلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يولۇچى ۋە يۈك تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ