مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا بىلەن تېلېفونلاشتى

2020.04.09 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا بىلەن تېلېفونلاشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگودا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پەيدا بولغاندىن كېيىن، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق جۇڭگودىن ھال سورىدى ۋە جۇڭگونى قوللىدى. «قېرىنداشلارچە يولداش»لىق مۇناسىۋەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بەلگىسى. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەجرىبىلىرىدىن جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، داۋالاش ۋە سەھىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى بىر قاتار تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئىجابىي ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ. بىز جەنۇبىي ئافرىقىدىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرىنى جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى پائال قوللاشقا ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز، ھەمدە جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى ھەمدە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ۋە ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىدە ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا چۈشىنىشىپ ۋە ئۆزئارا قوللاپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق رامكىلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ