پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر مىللەت خەلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈشتى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن بېيجىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2020.04.07 18:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت بايرىقى يېرىم چۈشۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەت قايغۇغا چۆمدى. 4- ئاينىڭ 4- كۈنى، گېڭزى يىلىدىكى چىڭمىڭ مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر مىللەت خەلقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قازا قىلغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈشتى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى پايتەخت بېيجىڭدا تەزىيە بىلدۈرۈشكە قاتناشتى.

  يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلىتىمىزدە يۈزبەرگەن تارقىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز، يۇقۇملىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋە ئېغىر دەرىجىلىك زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى بولدى. يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ كەسكىن كۈرەشتە، بىر تۈركۈم تېببىي خادىملار، كادىرلار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولدى، نۇرغۇن ئاغرىقلار بەختكە قارشى قازا قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ