مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

يىغىندا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھۋالى ھەمدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، ھەم شۇنداقلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشى، ھەمدە ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2020.04.09 18:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 4- ئاينىڭ 8- كۈنى يىغىن ئاچتى. يىغىندا، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ئەھۋالى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەمدە ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ۋەزىيىتى تەھلىل قىلىندى، ھەم شۇنداقلا، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دائىمىيلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىشى، ھەمدە ئىشنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئېلىمىزدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ باسقۇچلۇق ئۈنۈمى يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، ئىشنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ئايلىنىش تەرتىپى تېز ئەسلىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقئارادا يۇقۇم يەنىلا داۋاملىق تۈردە يامراپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ خەۋپ-خەتىرى كۈچىيىپ، تۇراقسىز ۋە ئېنىقسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۆپەيدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بېسىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، ئىشنى ۋە قۇرۇلۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشى، ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتى يېڭى قىيىنچىلىققا ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولىۋاتقان خەلقئارا يۇقۇم ئەھۋالى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئالدىدا، بىز چوقۇم تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە تاقابىل تۇرىدىغان ئىدىيەۋى تەييارلىق ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتى ھەمدە ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ ۋە ئىچكى جەھەتتىن قايتا ئۆرلەپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىنى ھەرگىز بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك. ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىدىكى سالماقنى ئاشۇرۇش كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى دائىمىيلاشتۇرۇش داۋامىدا ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىپ، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ نىشان ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ