مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كونا قىيىن مەسىلىگە يېڭى ئەندىشە قوشۇلدى

يەر شارىۋىي يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش چوڭ ئىمتىھانىنىڭ ئوتتۇرا شەرق قىسمى

2020.04.08 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ سىياسىيسى مۇرەككەپ، ۋەزىيىتى ئۇزۇن مۇددەت داۋالغۇپ، توقۇنۇش، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى نۇرغۇن مۇساپىرلارنى سەرگەردان قىلىپ قويدى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بۇ رايونغا يەنە يېڭى قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى.

  لىۋىيەدە توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ يەنىلا پايتەخت تىرىپولىدا كەسكىن جەڭ قىلدى، ئەسكەرلەر ماسكا تاقاپ جەڭ قىلدى. سىجىل داۋاملاشقان ئۇرۇش سەۋەبلىك، دائىرىيلەر ھەقىقىي يۇقۇم ئەھۋالىنى كونترول قىلالماي، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش خەتىرى ئېشىپ كەتتى.

  توققۇز يىللىق سۇرىيە ئۇرۇشى پەيدا قىلغان نەچچە مىليون مۇساپىر تۈركىيە، ئىئوردانىيە، لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇپ قالدى، مۇساپىرلار لاگىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. تۈركىيەدە يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدە جەزملەشتۈرۈلگەن بىمارلار سانى تېز كۆپەيدى، بۇ يۈزلىنىشتىن ھوشيار بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

  بىراق، يۇقۇم سەۋەبلىك يەنە بەزى كونا رەقىپلەر ئارىسىدا «بۇرۇنقى ئاداۋەتنى ۋاقتىنچە قويۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش»تەك ئاكتىپ ھادىسىلەر پەيدا بولدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ بۇ قېتىم كونا ئاداۋەتنى ۋاقتىنچە تاشلاپ، يۇقۇمغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇردى. ئىسرائىلىيە پەلەستىنگە ياردەملىشىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى كېسەللەرگە ئېنىق دىياگنوز قويدى، پەلەستىننى رېئاكتىپ ۋە قوغدىنىش كىيىمى بىلەن تەمىنلىدى، يەنە پەلەستىنگە تېببىي خادىملارنى تەربىيەلەپ بەردى، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھەر كۈنى يۇقۇم ئەھۋالىنى ئۆز- ئارا خەۋەر قىلدى. ئىسرائىلىيە «دۆلەت زېمىنى گېزىتى»دە: بۇ، پەلەستىن- ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپنىڭ «تارىختىن بۇيانقى ئەڭ زىچ ھەمكارلىقى»، دېيىلدى.

  ئىچكى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقىنىغا بەش يىل بولغان يەمەندە، ھادى ھۆكۈمىتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، خۇسەي قوراللىق كۈچلىرىمۇ قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە، بۇ دۆلەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تىركىشىش ۋەزىيىتى پەسەيدى. يەمەن ھازىر كېسەللىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلمىغان بىردىنبىر ئوتتۇرا شەرق دۆلىتى، لېكىن ئۇدا نەچچە يىللىق ئىچكى ئۇرۇش شۇ جاينىڭ سەھىيە سىستېمىسىنى ۋەيران قىلدى، يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەن ھامان، ئاقىۋىتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ.

  ئوتتۇرا شەرقتىكى يۇقۇم ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان ئىراندا نۆۋەتتە يۇقۇم ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى. لېكىن ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا بىر تەرەپلىك جازانى داۋاملىق يولغا قويدى، ئىراننىڭ تەكشۈرۈش رېئاكتىپى ۋە داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىمپورت قىلىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى زەرىف ئامېرىكىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە ئىرانغا قاراتقان جازاسىنى «ئىقتىساد ۋە داۋالاش» تېررورلۇقى قىلدى، ئىراندا ئىنسانپەرۋەرلىك ئاپىتى پەيدا قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىدى.

  يۇقۇمنىڭ يامرىشى سەۋەبلىك ھەرقايسى دۆلەتلەر بەس-بەستە «دۆلەت ئىشىكىنى ئېتىش» قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغانلىقتىن، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشى يېڭى قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى. خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى نىسبەتەن مۇقىم، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى يۇقۇم ئەھۋالىمۇ ئىقتىسادنىڭ كۆپ مەنبەلىك تىپىنى ئۆزگەرتىش مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزدى، ساياھەت، مېھمانساراي، ئاۋىياتسىيە ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق تۈۋرۈك كەسىپلەر زەربىگە ئۇچرىدى.

  پارس قولتۇقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر كەڭ كۆلەملىك بىر يۈرۈش ئىقتىسادنى قوزغىتىش پىلانىنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئېقىشچانلىق قويۇپ بەردى. لېكىن ۋاشىنگتون ئەرەب-پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى تەتقىقات ئورنىدا تۇرۇشلۇق ئالىم روبېرت موجىنىكنىڭ قارىشىچە، يۇقۇم ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن، مۇلازىمەت كەسپى، مېھمانساراي كەسپى قاتارلىق غەيرىي نېفىت كەسپىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى يەنىلا بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئوتتۇرا شەرق ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق، جاپالىق ئەسلىگە كېلىش جەريانى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ چىدامچانلىقىنى سىنايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ