مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇم مەزگىلىدە ئايروپىلان بېلىتىنى قانداق قايتۇرىمىز؟

2020.04.03 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  سوئال: نېمىشقا بەزى بېلەتلەرنى قايتۇرۇش ھەقسىز ئەمەس؟

  جاۋاب: سىياسەتتە «ئىلگىرىكى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ»

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تۆت قېتىم ئايروپىلان بېلىتىنى ھەقسىز قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. قاپلاش دائىرىسى: ۋۇخەن نۆۋەتچى ئايروپىلان بېلىتىگە چېتىلىدىغان يولۇچىلار؛ 1- ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇرۇن ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋالغان يولۇچىلار؛ مەكتەپكە قايتىشى كېچىكتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 19 مىليوندىن ئارتۇق بېلەتنى ھەقسىز قايتۇردى، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان بېلەت سوممىسى 20 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. سەپەرگە چىقىشنى ۋە ئىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىغان نۇرغۇن كىشىلەر بېلەت قايتۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى.

  بىراق، سىياسەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قىسىم يولۇچىلارنىڭ رەسمىيەت ھەققى كەچۈرۈم قىلىنمىدى. چاغان مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان چيۇ ئەپەندى ئاغرىنىپ: «مەن 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن بۇرۇن بېلەتنى قايتۇرغان، رەسمىيەت ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بولامدۇ؟»، دەپ سورىدى.

  تولۇقلاپ قايتۇرمىغان شىركەت سىياسەتكە خىلاپلىق قىلدىمۇ؟ «‹ئىلگىرىكىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك› ئاساسىي پىرىنسىپى بويىچە، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى سىياسەت يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى يولۇچىلارنىڭ رەسمىيەت ھەققىنى تولۇقلاپ قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ». خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى تىرانسپورت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ بياۋ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە قېتىملىق ھەقسىز قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىڭ ھەممىسى «جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش» بويىچە باشقۇرۇش سىياسىتىگە تەۋە بولۇپ، ئىقتىسادىي تولۇقلىما سىياسىتى ئەمەس، سىرتقا چىقىشنى ئازايتىشقا «ئىلھام بېرىپ»، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش مۇھىم نۇقتا قىلىنغان. خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ قېتىمقى يۇقۇمدا ئاۋىياتسىيە كارخانىلىرى ئومۇمىيلىققا بويسۇنۇپ، بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى پائال بېجىرگەنلىكىنى ھەمدە نۇرغۇن خادىم ۋە ماددىي ئەشيا توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوئال: بېلەت قايتۇرۇش نېمىشقا بۇنچە ئاستا؟

  جاۋاب: بېلەت قايتۇرۇش مەركەزلىك بولغاچقا، تەكشۈرۈشكە كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ.

  «نېمىشقا ئايروپىلان بېلىتىمنى قايتۇرغان پۇل تېخىچە ھېساباتىمغا كىرمەيدۇ؟» - بۇ، نۇرغۇن يولۇچىلار يېقىندا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە. يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدا، نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ پۇل قايتۇرۇش ۋاقتى 30 كۈندىن 60 كۈنگىچە ئۇزارتىلدى.

  چۈنار تورىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدېرى لەن شياڭ: «خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئەترىتىمىز كۈندە ئادەتتىكىدىن 10 ھەسسە، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 25 ھەسسە كۆپ زاكاز قايتۇرۇش ئىلتىماسىنى بىر تەرەپ قىلدى»، سىياسەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زاكاز قايتۇرۇش مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، زاكاز بېسىلىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، دېدى.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە، يۇقۇم ئەھۋالى مەزگىلىدە بېلەت قايتۇرۇشنى بېكىتىش تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ، نۇرغۇن زاكاز تالونىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. «ھەر بىر زاكازنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە 46 باسقۇچ بويىچە ھۆكۈم قىلىش كېرەك، بۇ، ئابونتلار تاپشۇرغان ۋاقىت، ئاۋىياتسىيە مەھكىمىسىنىڭ سىياسىتى بارمۇ-يوق، ئۆزگەرتىش-ئۆزگەرتمەسلىك، پاسپورت بەرگەن جاي قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ، ۋاقىت ھەم كۈچ سەرپ قىلىدۇ»، دېدى لەنشياڭ.

  يەنە بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، نۆۋەتتە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى كىرىمنىڭ ئازىيىشى ۋە كەڭ كۆلەملىك بېلەت قايتۇرۇشنىڭ ئىككى تەرەپتىن قىستاپ زەربە بېرىشى ئارقىسىدا، ئېقىم خاراكتېرلىك بېسىمى ناھايىتى چوڭ بولدى، بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇشى تەسكە توختىدى، ھەتتا پۇل قايتۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى.

  بېلەت ئىشلىرى سۇپىلىرى ۋە ۋاكالەتچى سودىگەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ پۇل قايتۇرۇشى ئاستا بولۇش ۋە يولۇچىلارنىڭ بېلەت قايتۇرۇشى جىددىي بولۇشتەك قوش قىستاپ زەربە بېرىشكە ئۇچرىدى، بەزىلىرى ئالدى بىلەن ئابونتلارغا پۇل قايتۇرۇش، ئاندىن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ پۇل قايتۇرۇشىنى ساقلاشتەك «ئۆز يانچۇقىدىن چىقىرىش» تەدبىرى قوللىنىپ، بېسىمى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. مەسىلەن، چۈنار تورى ئالدىنقى مەزگىلدە 1 مىليارد يۈەن پۇلنى ئالدىن قايتۇردى، ھازىر يەنىلا ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ پۇل قايتۇرۇشىنى ساقلاۋاتىدۇ.

  سوئال: «بېلەت قايتۇرۇلۇش» يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ؟

  جاۋاب: چەت ئەل ئاۋىياتسىيەسى بېلەت قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

  يۇقۇم ئەھۋالى يۈز بەرگەندىن بۇيان، نۇرغۇن بېلەت قايتۇرۇش نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن كېلىپ چىققان. بۇ خىل ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بولمىغان ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتا ئادەتتە قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  بىراق 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش ئەھۋالى تەدرىجىي پەسەيدى. چۈنار تورىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدا بۇ سۇپىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش سەۋەبلىك بېلەت قايتۇرۇش نىسبىتى %43 كە تۆۋەنلىگەن. بولۇپمۇ 3- ئاينىڭ 29-كۈنى يازلىق ئاۋىياتسىيە پەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، نۆۋەتچى ئايروپىلانلار پىلانى مۇقىملاشقان، بېلەت قايتۇرۇش نىسبىتى %33.7 ئەتراپىغا تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭدىن كېيىن يەنە تېخىمۇ ئازىيىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېقىنقى مەزگىلدە خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى يەنە بىر قېتىم چىڭىتتى، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى يەنىلا كۆپىيىۋاتىدۇ. ھازىر چېگرا سىرتىدىكى نەچچە ئون ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى نەق پۇل ئورنىغا پۇل بېلىتى ئىشلىتىپ بېلەت قايتۇرۇشنى ئىجرا قىلدى، بۇ، ۋاكالەتچى سودىگەرلەر ۋە سۇپىلارغا تېخىمۇ زور پۇل قايتۇرۇش ۋە ئەرز قىلىنىش بېسىمى پەيدا قىلدى، يولۇچىلار تاشقى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ بېلەت قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ۋاقتىدا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ