مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2020.04.08 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، پىششىقلاش سودىسىنى قوللاش، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنى توردا ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش؛ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي ئەھۋالىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركەتلىرىنىڭ قىسمەن باج ئىشلىرىنى قوللاش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش قارار قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 7-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش، پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنى قوللاش، گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسىنى توردا ئۆتكۈزۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش؛ يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇپ، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ ئاساسىي ئەھۋالىنى تىرىشىپ مۇقىملاشتۇرۇش؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى ۋە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل شىركەتلىرىنىڭ قىسمەن باج ئىشلىرىنى قوللاش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە يەر شارىدا يۇقۇم كەڭ دائىرىدە تېز سۈرئەتتە تارقىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا سودىغا مەبلەغ سېلىشقا غايەت زور زەربە ئېلىپ كەلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئىشلەپ، ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادى، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچرىغان ئېغىر تەسىرنى تىرىشىپ يېنىكلىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىمپورت- ئېكسپورت كۆلىمى سىجىل ئېشىپ، تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. نۆۋەتتە ئەنئەنىۋى تاشقى سودا يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر چوڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى، چوقۇم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ زور جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى كەسىپ ھالىتى ئارقىلىق تاشقى سودىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئىلگىرى تەسىس قىلىنغان 59 چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى ئاساسىدا، يەنە 46 چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تەسىس قىلىش كېرەك. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىۋېرسال سىناق رايونىدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا پارچە سېتىش، ئېكسپورت ماللىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجى ئالماسلىق، كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىپ ئېلىش قاتارلىق قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شارائىتى ھازىرلانغان ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى تۇرۇشلۇق شەھەرلەرنى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا پارچە سېتىش ئىمپورتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى تەتقىق قىلىش، كارخانىلارنىڭ چەت ئەلدىكى ئامبارلارنى ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ھەمبەھىرلىنىشىنى قوللاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ