مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سىياسىيلاشقان توسالغۇنى يوقىتىش تەس

يەر شارى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللىككە قارشى تۇرۇش چوڭ ئىمتىھانىنىڭ ئامېرىكا قىسمى

2020.04.07 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى تېز سۈرئەتتە يامرىدى، ئامېرىكىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئادەم سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە كېسەل ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالدى. دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داۋالاش كەسپىگە ئىگە، دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكا ھەر قايسى تەرەپلەر ھەمكارلىشىدىغان بىرلىك سەپ بەرپا قىلالمىدى، بۇنىڭ سەۋەبى ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى سەھىيە مەسىلىسى سىياسىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدا بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ تۈزەش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇقسانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  يۇقۇم ئۆز دۆلىتىدە يۈز بەرگەن دەسلەپكى مەزگىللەردە، سايلام قاتارلىق تۈرلۈك سىياسىينى كۆزدە تۇتۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئىزچىل سۇسلاشتۇرۇپ كەلدى. يۇقۇمنىڭ كۈندىن-كۈنگە خەۋپ يەتكۈزۈشى، بازارنىڭ ئالاقىزادىلىك كەيپىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ھۆكۈمەت تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى زورايتىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى سىياسىي كۈچلەر يۇقۇم ئەھۋالىنى سىياسىيلاشتۇردى، بەزى سىياسەتۋازلار باشقا دۆلەتلەرگە دۆڭگەپ، مەسئۇلىيەتنى ئارتىپ قويۇشقا ئۇرۇندى. كىشىلەرمۇ ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئىزچىل بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلالمايۋاتقانلىقىنى، فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەرقايسى ئىشتات ھۆكۈمەتلىرى، پارتىيە-گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدىكى مەنپەئەت ئوخشىمايدىغانلىقىنى، پىكىر بىردەك ئەمەسلىكىنى، يۇقۇمغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتى.

  ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل سابىق ياردەمچى دۆلەت كاتىپى، دېنۋېر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى خىل مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كىشىلەر يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ بۆلۈنۈشىنى تېخىمۇ بەكرەك كۆردى. فېدېراتسىيە بىلەن ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەر ئۆز ئالدىغا ئىش كۆردى، ئىككى پارتىيەدە قارشىلىشىش مەۋجۇد. ئۇچۇر ئالاقىسى راۋان بولماسلىق، بايلىق تەقسىملەش قالايمىقان بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت.

  يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە، ئامېرىكىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى قاتارلىقلاردىمۇ داۋالىنىش سېلىنمىسى يېتەرلىك بولماسلىق، داۋالىنىش خىراجىتى يۇقىرى بولۇش، داۋالىنىش كاپالىتى كەمچىل بولۇش قاتارلىق نۇقسانلار نامايان بولدى.

  ئامېرىكىدا ھازىر 27 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھېچقانداق شەكىلدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى يوق، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ سۇغۇرتىسى يېتىشمەيدۇ. ئامېرىكا پېتېرسېن-كېزې ئائىلە فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەخمىنىي ھېسابلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى داۋالاشتىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە خىراجەت 20 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

  يۇقۇم يەنە كىشىلەرنى ئامېرىكىنىڭ ئاممىۋى تازىلىق تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىدا ساقلىنىۋاتقان ئاجىزلىقلارغا دىققەت قىلدۇردى. ئاقساراي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ۋە باشقا ئاممىۋى سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ خامچوتىنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى، 2018-يىلى يەنە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى قارىمىقىدىكى تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپ- خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئاپپاراتلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رېدفېلد: «بىزنىڭ ئاممىۋى سەھىيە تەجرىبىخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىمىز يېتەرلىك ئەمەس، يېتەرلىك ئۈسكۈنە، خادىملار ۋە ئىچكى ئىقتىدار يوق»، دېدى.

  خارۋارد داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى فرانكېل يېقىندا: «ئامېرىكىدا بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشتا تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە ھالقىلىق پەرۋىش ئۈسكۈنىسى كەمچىل، ئىنكاسىمۇ باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن ئارقىدا قالدى»، دېدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، تەرەققىيات تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقانلىقى، باي- نامراتلىق پەرقى چوڭىيىپ كەتكەنلىكى، باراۋەرسىزلىك ئېغىرلاشقانلىقى سەۋەبلىك، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنە ئامېرىكا ئىقتىسادىنى زور قىيىنچىلىققا ئۇچراتتى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تور بېكىتىدە: ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى سىياسىتى خۇسۇسىي تىجارەت تارماقلىرىغا، بولۇپمۇ چوڭ شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولۇپ، دۆلەت ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە سەل قارالدى، دەپ كۆرسىتىلدى.

  ستانفورد داشۆسىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق پىروفېسسورى تايلور مۇنداق دەپ قارىدى: پارچە-پۇرات تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى پەقەتلا يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش قەدىمىنى ئاستىلىتىدۇ، ئامېرىكا بۇ قېتىمقى ۋىرۇس يۇقۇمىغا تېخىمۇ ئېنىق ئىستراتېگىيە ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ