خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋۇخەن شەھىرى دۇڭخۇ شىنچېڭ مەھەللىسىدىكى بارلىق مەھەللە خىزمەتچىلىرىگە جاۋاب خەت يېزىپ، شەھەر-يېزىلاردىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىدە جارى قىلدۇرغان مۇھىم رولىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەم ئۇلارنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە تەلتۆكۈس غەلىبە قىلىشتا يەنە يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: مەن ۋۇخەندىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ۋۇخەندىكى كادىرلار، ئاممىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم، سىلەرنىڭ مەھەللەڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋۇخەندىكى ھەرقايسى مەھەللىلەردە تۇرمۇشىنىڭ تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىپ نورماللىشىۋاتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇ مەيدان مىسلىسىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۈرىشىدە، شەھەر-يېزىلاردىكى كەڭ مەھەللە خىزمەتچىلىرى مەھەللە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى ھەرقايسى تەرەپ خادىملار بىلەن بىللە بىر يولدا تۇرۇپ، خەۋپ-خەتەردىن قورقماي، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، بولۇپمۇ مەھەللىدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۈلگە بولۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش-بىرلىشىپ تىزگىنلەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش-ئامما تىزگىنلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشىدىكى ئۇلۇغ كۈچنى تولۇق نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ۋۇخەن ھازىر ۋۇخەندىن ئايرىلىش، خۇبېيدىن ئايرىلىش يوللىرىنى باشقۇرۇش-كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى بىكار قىلدى، لېكىن ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. مەھەللە يەنىلا سىرتتىن كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم مۇداپىئە لىنىيەسى، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى دائىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا. سىلەرنىڭ داۋاملىق جەڭ قىلىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىنچىكە تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە تەلتۆكۈس غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ