مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك پىسخىكىلىق يېتەكلەشتە «ئۈچ مۇھىم نۇقتا»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك

2020.04.10 18:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرتىپ تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئارقا-ئارقىدىن نورماللاشماقتا. لېكىن بۇ قېتىمقى تەسىر دائىرىسى كەڭ، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولغان يۇقۇم ئەھۋالى مەيلى بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا بولسۇن ياكى تېببىي خادىملار قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەرگە بولسۇن، ھەتتا ئادەتتىكى كىشىلەرگە بولسۇن، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پىسخىكىلىق زەربە ئېلىپ كەلدى. بۇنىڭغا قارىتا پىسخىكىلىق يېتەكلەش، پىسخىكا جەھەتتىن ئارىلىشىش قاتارلىق پىسخىكا مۇلازىمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىنى قوغداش كېرەك.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، مەركەز ۋە جايلار پىسخىكىلىق يېتەكلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ جىددىي پىسخىك كىرىزىسىغا ئارىلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش پىرىنسىپى»، «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلارنىڭ پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. جايلارمۇ بەس-بەستە مېخانىزم ئورنىتىپ، قوشۇن تەشكىللەپ، جەمئىيەتكە پىسخىكىلىق يېتەكلەش مۇلازىمىتى قىلىپ، ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. لېكىن، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا پىسخىكىلىق يېتەكلەش كۈچلىرى، بولۇپمۇ جاراھەتنى داۋالاش كۈچلىرى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى يەنىلا قاندۇرالمايۋاتىدۇ. بۇ شۇنى تەلەپ قىلىدۇكى، بىر تەرەپتىن، تۈرلۈك كۈچلەرنى پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشكە سەپەرۋەر قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن، «ئۈچ مۇھىم نۇقتا»نى چىڭ تۇتۇپ، بايلىقنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، نىشانلىق ئوق ئېتىش، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئالدى بىلەن، نۇقتىلىق كىشىلەرنى نىشانلاش كېرەك. بىمارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، شۇنداقلا داۋالاش خىزمەتچىلىرى، مەھەللە خىزمەتچىلىرى قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچىلەر مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كېسەللىك ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي ئازابقا بەرداشلىق بېرىپلا قالماستىن، يەنە پىسخىكىلىق ئازابنى باشتىن كەچۈرىدۇ، بەزىلەر يەنە ئائىلىسىدىكىلەردىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. بىرىنچى سەپتىكى خىزمەتچى خادىملارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار ئۇزاق مۇددەت خەتەرلىك مۇھىتتا، يۇقىرى سىجىللىقتا خىزمەت قىلىپ، غايەت زور فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىكىلىق بېسىمغا بەرداشلىق بېرىدۇ، بولۇپمۇ داۋالاش-پەرۋىش خادىملىرى كۆپ ھاللاردا نۇرغۇن ھايات-ماماتلىق ئايرىلىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ، يۇقۇمدىن كېيىن ئاسانلا پىسخىكا جەھەتتىن توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. بۇ نۇقتىلىق كىشىلەرگە قارىتا، ئۇلارغا كەسپىي پىسخىكىلىق مۇلازىمەت قىلىپ، زەخىملەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خەۋپ-خەتەرنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ۋاقتىدا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئىنكاس قايتۇرۇپ، زۆرۈر تېپىلغاندا پىسخىكىلىق كىرىزىسقا ئارىلىشىش كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، نۇقتىلىق رايونلارنى تۇتۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىر دائىرىسى كەڭ، لېكىن ئوخشاش بولمىغان رايونلارنىڭ خەۋپ- خەتەر دەرىجىسى ئوخشاش ئەمەس. ئوتتۇرا، تۆۋەن خەتەرلىك رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر رايونلار ئۇچرىغان قىيىنچىلىق تېخىمۇ كۆپ، ئۇچرىغان زىيان تېخىمۇ چوڭ، كەلتۈرۈپ چىقارغان زەخمە تېخىمۇ چوڭقۇر، روھىي جەھەتتىكى زىيان تېخىمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، خۇبېي ۋۇخەندىن ئىبارەت بۇ قەھرىمان شەھەر يۇقۇمدا ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ ئىلگىرىلەپ، غايەت زور زەربىگە ئۇچرىدى. ئەڭ سەرخىل پىسخىكىلىق يېتەكلەش كۈچلىرىنى بۇ يەرگە سەرپ قىلىپ، ئاھالىلەرگە بولغان پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىلىق زەربىدىن قۇتۇلۇپ، ئاكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرىش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش.

  ئۈچىنچىدىن، نۇقتىلىق پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالى پەيدا قىلغان پاسسىپ پىسخىكىنىڭمۇ ئېغىر-يېنىكلىكى بار، پاسسىپلىقى ئېغىر، زىيىنى تېخىمۇ چوڭ بولغان پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، تېخىمۇ توغرا داۋالاش كېرەك. بۇنىڭغا قارىتا، يېقىندا مەركەز بېسىپ تارقاتقان «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدا پىسخىكىلىق يېتەكلەش خىزمەت لايىھەسى»دە مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى: نۇقتىلىق ھالدا تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق، ئۇيقۇسىزلىق، زىياندىن كېيىنكى سېزىمچانلىق توسالغۇسى بولۇش قاتارلىق بىمارلارنى پىسخىكىلىق يېتەكلەپ، ئۆزىنى زەخىملەندۈرۈش، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ھۇجۇم قىلىش ياكى باشقا روھىي كېسەللىك ئالامەتلىرى بار كىشىلەر توپىنى ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش كېرەك. بۇ، ئەمەلىيەتتە قايسى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ۋاقتىدا يېتەكلەش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، جايلار بۇ پىسخىكىلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق كۈچىشى كېرەك. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، باشقا پاسسىپ پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە قارىتا قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ، كىچىك مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلمىغاندا، چوڭ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

  يۇقۇمدىن كېيىنكى جەمئىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم تېما. «ئۈچ مۇھىم نۇقتا»نى چىڭ تۇتقاندا، نۆۋەتتىكى پىسخىكىلىق يېتەكلەش كۈچىنىڭ ئومۇمىي خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى بىر قەدەر ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ. لېكىن يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، پىسخىكىلىق يېتەكلەش جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم تەرىپى بولۇپ قالدى، بۇنىڭغا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سىجىل سېلىنما سېلىپ، دائىملىق ئىجتىمائىي پىسخىكا جەھەتتىن پاناھلاندۇرۇش، يېتەكلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەھەللە پىسخىك ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي پىسخىكىلىق يېتەكلەش، پاناھلاندۇرۇشنى كەسىپلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ پىسخىك كەيپىياتىنى مۇۋاپىق يولغا كىرگۈزۈپ ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ