مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق پەرھىز تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئىستىل جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك

2020.04.16 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى داۋاملىق ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا، ھەل قىلغۇچ جەڭنىڭ ئاخىرقى كۈچەش باسقۇچىدا، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتمەسلىك ۋە سالماقنى ئازايتماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، نىشانلىق داۋالاپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئىش قىلىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتە پۇت-قولىنى چۈشەپ قويىدىغان شەكىلۋازلىق پاتقىقىدىن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە ئۇلارنى كۈچلۈك بولغان ئىستىل كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇرۇشقا ئۈندىدى.

  تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئارام ئالماسلىق ۋە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. 2019- يىلى بولسا، «ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى»دۇر، شۇڭا، جايلار ۋە تارماقلار ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللاندى. لېكىن شەكىلۋازلىقنىڭ ساقايماس كېسىلىنى ساقايتىش بىر يىللىق ئىش ئەمەس ۋە ۋاقىتلىق خىزمەت ئەمەس. ئازراقلا بوشىشىپ قالسا، قەغەز يۈزىدىلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتەك ناچار ئادەت قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. «ئۇقتۇرۇش»تىكى تەلەپ بويىچە، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئۇسۇلىنى يەنىمۇ ياخشىلاپ، كادىرلارنى سىناش ۋە باھالاش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماقالىلارنى ئىخچاملاشتۇرۇش ۋە يىغىننى ئازايتىش پىرىنسىپىنى قاتتىق ساقلاش كېرەك. بۇنىڭدا، پەقەت 2019- يىلىدىكىدىن ئاز بولۇشقا بولىدۇكى، ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ، دەيدىغان پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، ئاندىن ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئاساسىي قاتلامنى تەسىرلەندۈرگىلى بولىدۇ، ئاندىن بوشاشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  خىرىس ئالدىمىزدا يولۋاستەك يول توسۇپ تۇرىۋاتقاندا، داۋاملىق تۈردە كۈچەشكە تېخىمۇ توغرا كېلىدۇ. 2- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 832 نامرات ناھىيىدىن 601ى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى، 179ىنىڭ نامراتلىقتىن چېكىنىپ چىقىش رەسمىيىتى تەكشۈرۈلمەكتە، قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىمىغان ناھىيىدىن يەنە 52سى قالدى. ئەڭ ئاخىرقى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، تارىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، غەيرەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت مۇرەككەپ بولىۋاتىدۇ، يۇقۇم ئەھۋالى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا خېلى زور تەسىر كۆرسەتتى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چۈشۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى ئېغىرلاشتى، ئەسلىدىلا خېلى نۇرغۇن قاتتىق ئۇرۇشلارغا دۇچ كېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ھازىر يەنە تىرىشىپ يېڭى خىرىسلارنى يېڭىشىمىز لازىم بولماقتا. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ھەل قىلغۇچ بىرىكمە كۈچىنى قانداق قىلىپ قويۇپ بېرىش، ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كېلىش ۋە زىياننى تولۇقلىۋېلىش بولسا، كۆز ئالدىمىزدىكى قىيىن مەسىلە، شۇنداقلا ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئىمتىھان سوئالىدۇر.

  شەكىلۋازلىقنى تۈزەشتە ھەم جازالاشقا جۈرئەت قىلىش، ھەم رىغبەتلەندۈرۈشكە ماھىر بولۇش كېرەك. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۇزاق مۇددەت بىرىنچى سەپتە ئۇدا ئىشلەپ، تۈرلۈك-تۈمەن خىزمەتلەرنى ئىشلىدى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇدا «كېچىنى كۈندۈزگە قوشۇپ ئىشلەش»تەك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئورۇنسىز خىزمەت يۈكىنى يېنىكلەتكەندىن باشقا، ئۇلار كۆپرەك چۈشىنىشكە ئېرىشىش، كەڭ قورساقلىققا ئېرىشىش، كۆيۈنۈش ۋە ئاسراشقا ئېرىشىشكە تېخىمۇ مۇھتاج، ئۇلارنى داۋاملىق تۈردە ياخشى غەيرەتكە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك. يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن مەزگىلدە، جايلار ئەمەلىيەتتە نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغان، ئامما ئېتىراپ قىلغان ياخشى كادىرلارنى تېز ئۆستۈرۈپ، ھەر ساھەنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. «ئۇقتۇرۇش»تا، كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنىڭ ئىش ھەققىنى جانلىق ئاشۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، تۆھمەتكە ئۇچرىغان ۋە خاتا پاش قىلىنغان كادىرلارنىڭ نامىنى توغرىلاش توغرىسىدىكى پىكىرنى مۇھاكىمە قىلىش، كادىرلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش تۈزۈمىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بولسا، كەڭ كادىرلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىش روھىنى ئۇرغۇتۇشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ