مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن تېلېفونلاشتى.

2020.04.15 17:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە فىنلاندىيە خەلقىنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇۋاتقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانلار جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىدۇر. خەلقئارا جەمئىيەت بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلغاندىلا، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلالايدۇ. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە يەر شارى ئاممىۋى سەھىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بىز ئالدى بىلەن داۋالاش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، خەلقئارانىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ