مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ جىنەن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2020.04.13 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ جىنەن ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ھازىر مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىپتۇ.

  جاڭ جىنەننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  جاڭ جىنەن، ئەر، خەنزۇ، 1960- يىلى 10- ئايدا تۇغۇلغان، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ لۇڭيەن ناھىيەسىدىن، 1979- يىلى 5- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1981- يىلى 8- ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ھازىرغا قەدەر فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. 1991- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ فۇجيەن ئۆلكىسى شاڭخاڭ ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى بولغان؛ 1993- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ شاڭخاڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1995- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ لۇڭيەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان؛ 1997- يىلى 3- ئايدىن باشلاپ ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان (خىزمەتلەرگە رىياسەتچىلىك قىلغان)؛ 1997- يىلى 10- ئايدىن باشلاپ ئۆلكىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان؛ 1998- يىلى 2- ئايدىن باشلاپ سەنمىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى (نازىر دەرىجىلىك)، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان؛ 2002- يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى (نازىر دەرىجىلىك)، بەنگۇڭتىڭ پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2005 - يىلى 5- ئايدىن باشلاپ ئۆلكىلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى بولغان (2004.09- 2007.07) مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتى نەزەرىيە كەسپىدە ئوقۇغان)؛ 2008- يىلى 1- ئايدىن باشلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان، 2008- يىلى 8- ئايدا قوشۇمچە ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2010- يىلى 4- ئايدىن باشلاپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ئۆلكىلىك پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛ 2011- يىلى 11- ئايدىن باشلاپ ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2018- يىلى 1- ئايدا ئۆلكىلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا داۋاملىق ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى بولۇپ سايلانغان.

  ج ك پ 17- قۇرۇلتىيى، 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى. 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. 8- نۆۋەتلىك ج ك پ فۇجيەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 9-، 10- نۆۋەتلىك ج ك پ فۇجيەن ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئەزاسى بولغان. فۇجيەن ئۆلكىلىك 10- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان. فۇجيەن ئۆلكىلىك 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان.

  (قىسقىچە تەرجىمىھالى فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتىدىن ئېلىندى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ